بۈگۈن تور ئارىلاۋېتىپ شاھ ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلغان بۇ فىلىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم . شۇنداق ئىشتىياق بىلەن قايتا – قايتا كۆرۈپ كېتىپتىمەن . ئويلاپ قالىدىم ، ئەتراپىمىزدىكى ئەشۇ بىر قىسىم كشلەر مېھرى – مۇھەببەت دېگەننى تۇلۇق ئۇنتۇپ كەتكەن ، باشقىلارغا ھېسىداشلىق قىلىش ، غەمخورلۇق قىلىش دېگەنلەردىن ئۇلاردا ئەسەرمۇ قالمىغان . بىراق يەنە بىر قىسىم شۇنداق كىشلىرىمىز باركى ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۆز مىللىتى ، قۇۋۇمى ، كىشلىرى ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن ، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەن .
بۇ فىلىمدىكى قىسقا ئەمما مەنىلىك كۆرۈنۈش قەلبىمنى بىر خىل لەرزىگە سېلىپ قويدى . باشقىلارغا ياردەمنى پۇل بىلەنلا ئىپادىلىمەستىن ، ئەمەلىي ئىش – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ئىپادىلىسەك نەقەدەر ئېسىل ئىش بۇلاتتى ھە .! شۇنداق بەزىدە بىر ئېغىز سۆز دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە يېتەرلىك . ئوخشاش بىر سۆزنى ئوخشىمىغان ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىسەك ئۇنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئېشىپ بېرىشى ئېنىقلا . سىزمۇ دۇنيايىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا سۆزلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ .
شاھ ئۇيغۇر بلوگىدا بۇ فىلىمدىن بۇرۇن مۇنداق بايان قىستۇرۇلغان « ئادەم ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەن ئەڭ ئاۋال ئېغزىدىكى سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، بەلكى يەڭگىللىك بىلەن قىلىنغان بىر ئېغىز سۆز بىزنى مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەتكە ئېرىشتۈرسە ۋە بەلكى جايىدا قىلىنغان بىر ئېغىز سۆز مەڭگۈلۈك غەلبىگە باشلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا باشقىلارغا ئەڭ ئاۋال تەسىر كۆرسىتىدىغان تىلىمىزنى، دىلىمىزنى، ھەركىتىمىزنى ئۆزگەرتەيلى » .