سىز ئەمدى تۆت – بەش ياشلىق بالا ئەمەس، شۇڭا ھەر قانداق ئىشنى ھاپلا – شاپلا قولنىڭ ئۇچىدىلا ئەمەس ، بەلكى ئەستايدىل ئويلىنىپ ئاندىن قىلىشىڭىز كېرەك . « يەتتە ئۆلچەپ بىر كەس» دېگەن گەپ بار . ئاشۇنداق كاللا بىلەن ئىش قىلسىڭىزلا توغرا بىلىمنى ئەينەن ئىگىلىيەلەيسىز .
كىتاب ئوقۇغان چاغلىرىڭىزدا يەسلىنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش ھەممىنى قارا- قۇيۇق يادىلىماي،شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ مېغىزىنى قۇبۇل قىلىڭ.باشقىلارنىڭ گېپىگە كەلسە-كەلمەس ئىشىنىۋەرمەي ، ئۇنىڭ توغرا -خاتا تەرەپلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈڭ! ناۋادا سىز ئەڭ كۆپ ئەجىر قىلىش بەدىلىگە ھەقىقىي ئەھمىيىتى بار نەرسىلەرنى ئىزدىمىسىڭىز ، ھۆكۈمىڭىز بەرىبىر چاكىنا ئادەتلەرنىڭ خاتا يولىغا كىرىپ قالىدۇ.
كاللىڭىزنى ساز تۇتاي دېسىڭىز مېنىڭچە مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىڭ .
بىرىنچى ، بەزى ئىشلارنى مۇقەررەر شۇنداق بۇلىدۇغۇ دەپ ئويلاپلا خۇدىڭىزنى يۇقىتىپ قويماڭ . جۈملىدىن ئىنتايىن ئاددى ئىشلارنىمۇ ئادەتتكىدىن باشقىچىرەك ئۇسۇل بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە شۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇپ بېقىڭ : بۇ ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارمۇ – يوق ؟ ئۇنى مۇشۇنداق ھەل قىلسامئەڭ مۋاپىق ئۇسۇلنى تاپقان بۇلامدىمەن-يوق ؟ مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقان چېغىڭىزدا ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىش قىلىشتىكى خاملىقىڭىزدىن خاۋاتىرلىنىسىز .
نۇرغۇن ئىشلاردىكى مەغلۇبىيەت بىردەملىك بىخۇدلۇق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ . يەنە كېلىپ بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى كۆپىنچە ، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ئەتراپلىق پىكىر قىلىدىغان كىشلەر نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىپ ، بەزى نۇقتىلارغا سەل قاراش ۋەجىدىن سادىر قىلىدۇ .
ئىككىنچى ، كاللىڭىزدا بىخ سۈرگەن قاراشلىرىڭىزنىڭ راستىنلا ئۆزىڭىزگە خاس پىكىر ياكى ئەمەسلىكىنى قايتا دەڭسەپ كۆرۈڭ . ئۆزىڭىزدىن شۇنداق دەپ سوراڭ : بۇ پىكىرنى ئالدى بىلەن مەن ئويلاپ تاپتىممۇ ياكى باشقىلاردىن ئاڭلىۋالدىممۇ؟ بۇ جايىدا قۇيۇلغان پىكىرمۇ – ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭدىن ئومومىيەتكە خىلاپ ئامىللار زادى قانچىلىك؟ مېنىڭچە بۇ ئوبىيكتىپ مەسلىمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ مەسلىلەر ئۈستىدە ئويلانغاندىن كېيىن ، ناۋادا پىكىرلىرىڭىزنى ئادىل بولدى ،دەپ قارىسىڭىز ، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خىلمۇ خىل پىكىرلەرنى ئۆز ئارا يۇغۇرۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ نۇقتىئنەزىرىنى يەكۈنلەپ چىقىڭ.
نۇرغۇن كىشلەر « باشقىلارنىڭ گېپىگە قۇلق سالمىغان بولسام بوپتىكەن!» دەپ دادلايدۇ. بىراق ، ئۇلار زادى نېمە ئۈچۈن مەسلىنى ئۆزىنىڭ كاللىسىغا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلمايدۇ ؟ باشقىلارنىڭ پىكىرى ئاڭلاشقا ۋە قۇبۇل قىلىشقا ئەرزىسىمۇ،لېكىن قۇبۇل قىلغۇچى ئۇنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ بېقىشى كېرەك-تە! دۇرۇس،ھېچكىم مەڭگۈ خاتالاشمايمەن دېيەلمەيدۇ.بىراق ھەر قانداق ئىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ ، قايتا-قايتا كاللا قاتۇرۇپ باقىدىغانلار بولسىڭىز ، خاتالىقىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيسىز . ئۆسۈپ يېتىلىشىڭىزگە ئەگىشىپ ، ئاۋارىچىقلارمۇ كۆپىيىپ بارىدۇ.«كاللا قاتۇرۇش»نىڭ ئۆزىمۇ نۇرغۇن كىشلەر ئۆزىنى قاچۇردىغان « ئاۋارىچىلىق» ھېسابلىنىدۇ . بىراق سىزنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.