- سەھىپە:جەمئىيەتشۇناسلىق
- | باھا:2
- | زىيارەت:
- | خەتكۈچ:
1. بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغىنى ئۆزلىكىدىن كېلىپ قالىدىغان ئامەت ئەمەس، بەلكى توختاۋسىز تىرىشىشتىن ئىبارەت.
2. ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققاندىمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقاتماسلىق كېرەك.
3. خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۆزىنى كەچۈرۈۋېتىش كىشىنى تېخىمۇ ئېغىر خاتالىققا باشلايدۇ.
4. نۇتۇقنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ كوزىرىغا ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇنچىۋالا تەس ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىسىز.
5. بۈگۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىزنى ئويلاپ تۇرۇڭ، بەلكىم بۇ سىزنىڭ ئەتىنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.
6. ئۆزىگە ئىشەنمەي باشقىلارغا ئىشىنىش مەغلۇبىيەتلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى.
7.بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئاچقۇچ بىلەن قۇلۇپنى ئاچقانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئاچقۇچنى قۇلۇپقا توغرا سالالمىسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت ئىشىكىنى مەڭگۈ ئاچالمايسىز.
8. ھەرگىز قۇرۇق گەپ بىلەن ئۆزىڭىزنى بەزلىمەڭ.
9. ۋاز كېچىشنى بىلمەسلىك، جاھىللىق، قەتئىي بولماسلىق نىشاندىن ۋاز كەچكەنلىك.
10. ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتا تۇنجى قەدەمنى قانداق ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.
11. ھەممىلا ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پەرھىز ئەمەس. ئۆزىڭىز تاللىغان پەللىگە يېتىشكە جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا مۇۋەپپەقىيەت سىزگە ئۆزلىكىدىن يېقىنلىشىدۇ.
12. بۈركۈت كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان چېغىدا كىشىلەرگە مۇنداق دەپ خىتاب قىلارمىش: باتۇرلۇق ۋە جاسارەت، ئېنىق نىشان ۋە ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلى.
13. پات – پات ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرۇش كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى ئادەت.
14.مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا «ماختىنىش بۆشۈكى» دە ئەللەيلىنىپ ياتماي، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش ھەققىدە ئويلىنىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك.
15. پۇلغا مۇئامىلە قىلىش خۇددى دوستقا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشايدۇ. پۇل ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قىيناش ھايات يولىڭىزنى تارايتىۋېتىدۇ. پۇلغىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ زور بايلىققا ئېرىشىسىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- تەپەككۇر (16)
- بېلەت تاشلاش – «ئەڭ» بىلوگلارنى باھالاش پائالىيىتى (1)
- لىكسىيە -پىسخىكا دېگەن نېمە ؟
- بۇ يىل يامان ئەمەس داۋاملىشىۋاتىدۇ !!! خۇشاللىق كۆپ (6)
- بىر قىسىم كونا ناخشا لېنتىلىرى تەمىنلىنىدۇ . (5)
- ئاياق نىكاھ تەلىماتى
- باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىمۇ ئارتۇق ئويلاش كېتەمدۇ ؟ (2)
- ئۈندىداردا پۇل نەقلەشتۈرسە نېمىشقا ھەق ئېلىنىدۇ؟