جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيون بېيجىڭ خەۋىرى:
65-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى مەسىلىسى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 8-ئىيون نىيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئورگىنىدا ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ رەئىسى دايىس سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھۆكۈمەتلەر خۇسۇسىي تارماقلار ۋە ئەل ئارا تەشكىلاتلار ئارىسىدا كەڭ شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك، بۇ ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتا ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئاساسى، ئۇ مۇنداق دېدى: يەر شارىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى، بۇ قېتىمقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەردى، يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ۋەدىسى ، ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىشى قايتا تەكىتلەندى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل