12-ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 5 دىن باشلاپ ، بېيجىڭ شەھىرى بىلەن تيەنجىن شەھىرى ئارىسىدا قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتى توردا سىناق تەرىقىسىدە سېتىلىشقا باشلىدى .
ئىگىلىنىشىچە ، بېيجىڭ شەھىرىدىن شاڭخەي شەھىرىگە قاتنايدىغان پويىزنىڭ بېلىتىمۇ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ توردا سېتىلىدىغان بولۇپ ، تۆمۈر يول ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، توردا بېلەت سېتىش بارا -بارا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملىشىدىكەن .