ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

بۇ يىل 38 مىڭ770ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتتى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     پاتىمە ئەيسا خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 12 – ئىيۇن 2011 – يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش يىغىنى ئاچتى. يىغىندىن ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 38 مىڭ 770 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 1614 ئوقۇغۇچى ئازايغان.

    ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قايسار شابانباي مۇنداق دېدى: ھازىر ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملىتىش، ئىمتىھان مەيدانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، ئىمتىھاننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.

    ئۇقۇشىمچە، 2010 – يىلىدىن باشلاپ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى توردا تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغان. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز قەغەز تەكشۈرۈشكە قاتنىشىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى كۈچەيتىپ، قەغەزنى تەكرار تەكشۈرۈش، يەنى ھەر بىر قەغەزنى ئىككى قېتىمدىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاتا – ئانىلارنىڭ تەلىپى بويىچە قايتا تەكشۈرۈلگەن ئىمتىھان قەغەزلىرىدىن بىرمۇ خاتالىق كۆرۈلمىگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر