جاڭ شىيۈ خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە 10 – ئىيۇن ‹‹2011 – يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە بىر تۇتاش تاللاپ تەكلىپ قىلىنىدۇ.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش سان چېكىنى كۆپەيتكەنلىكتىن، ئاپتونوم رايون خىزمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىلدىن باشلاپ، جايلاردىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئالدىغا ئىشلەشنى شۇنداقلا 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە ئايرىم چۈشۈرگەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمەت پىلانىنى يۈرگۈزۈشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايون بۇ يىلدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، تاللاپ تەكلىپ قىلىشتا ئىستۇدېنت پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار كادىرلىرى، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي ئوبيېكت قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى كەنتلەردە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتىدە يېزىلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجى چىقىش قىلىنىپ، جىنىس ئايرىمىسى ۋە مىللەت ئايرىمىسى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ تەڭشىلىپ، ئادىل، باراۋەر بولۇش، رىقابەتلىشىش، ئەلالىرىنى تاللاش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تەكلىپ قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ تەكلىپ قىلىش سان چېكى ۋە كونكرېت كەنتلەر بېكىتىلىدۇ، ئەسلىي يۇرتىغا قايتىپ، كەنتتە ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلار، ئاز سانلىق مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ خىزمەت قىلىدىغان خەنزۇ ئىستۇدېنتلار، كۆپ مىللەت ياكى خەنزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىستۇدېنتلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.
ئاپتونوم رايون 100 مۇنەۋۋەر ئىستۇدېنت ‹‹كەنت كادىرى››نى يېزا، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىگە تونۇشتۇرىدۇ. تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن قوبۇل قىلىدىغان، تاللاپ ئىشقا قويىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانى ۋە نىسبىتى كېڭەيتىلىدۇ؛ تاللاپ تەكلىپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن يېزا، بازار، ناھىيە، شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق كوللېكتىپ، تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئاشكارا تاللاپ ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ؛ رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىستۇدېنت كەنت كادىرى بولغان مۇنەۋۋەر كادىرلار ناھىيە، شەھەر رەھبەرلىك بەنزىسىگە ئالدىن ئويلىشىلىدۇ.