گۋادار پورتى مودىلى
يەر شارى تورىنىڭ 9-ئىيۇن خەۋىرى: پاكىستان كۆزەتكۈچىلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ ئىستراتىگىيىلىك ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم گۋادار رايونىغىمۇ كۆز تىككەن، بۇ رايوندا ھەربىي بازا قۇرۇپ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئىرانغا زەربە بېرىشكە قولايلىق ياراتماقچى بولغان ھەمدە ئالدىن قول سېلىپ، جۇڭگونىڭ گۋادار رايونىنى ئەرەب دۇنياسىغا ئۆتىدىغان يول ۋە دېڭىز ئارمىيىسى قاراۋۇلخانىسى قىلىشنى توسماقچى بولغان.
پاكىستان ئاخباراتلىرىنىڭ دېيىشىچە، پاكىستان باش مىنىستىرى گىلانى 7-ئىيۇن پاكىستاننىڭ گىۋادار پورتىنى جۇڭگوغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ھېچقانداق كېلىشىمگە ئىمزا قويمىغانلىقىنى، ئالاقىدار قارارلارنىڭ گىۋادار پورتى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ كېڭىشىدىن ئۆتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەخمەد مۇختار ئالدىنقى ئايدا گىلانىغا ھەمرا بولۇپ بېيجىڭدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندىن كېيىن ئاخباراتلارغا، پاكىستاننىڭ گىۋادار رايونىدا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەخمەد مۇختار تولۇقلاپ، پاكىستان يەنە جۇڭگونىڭ مەزكۇر پورتنى سودا يۈرۈشتۈرۈلىشىنى باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى دېگەن. بۇ ھەپتە سېنگاپوردا ئېچىلغان شانگرى لا سۆزلىشىشىدە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىياڭ گۇاڭليې:«بىز ناھايىتى ئېھتىياتچان ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ مۇھىم سىياسىي ھەربىي ئىشنى تەتقىق قىلىمىز، ئەگەر ھەقىقەتەن موشۇنداق ھەرىكەت بولغاندا، بىز ئىنچىكە پىلان تۈزەيمىز ھەمدە تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرىمىز» دېگەن.
گۋادار رايونىنىڭ ھازىرقى ھالىتى
ئامېرىكىنىڭ گۋادار پورتىدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقىغا ئالاقىدار كۆز-قاراشلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئەمما كىشىنى ئەجەپلەندۈرمەيتتى. يېقىنقى يىللاردا، ئامېرىكا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم ئارقىلىق پاكىستاننى ئۆزىگە تارتقان، مۇھىم مەقسىتى جۇڭگونىڭ پاكىستان ئارقىلىق ھىندى ئوكيانغا كىرىشتىكى قۇرۇقلۇق ئىستراتىگىيىلىك يولىنى ئېتىپ تاشلىماقچى بولدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا يەنە ھىندىستان بىلەن سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، پاكىستانغا بېسىم قىلدى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن ئاز كۆرۈلىدىغان ئاخبارات ھەمكارلىقى قانات يايدۇرۇپ پاكىستان بىلەن يوشۇرۇن ئۇرۇش قىلدى، كونكرېت تەدبىرلىرىدىن بىرى بولسا ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ «ھىندىستان دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى» تۈرى قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئاكىتىپ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بەردى، ئاخباراتلاردىن ھەمبەھىر بولدى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى، جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى، ئاساسىي ئەسلىھە قوغداش تېخنكىسى، جىنايەتچىلەر تورىنىڭ ئىزىغا چۈشۈش ئەسلىھەسى جەھەتتە ھىندىستان ئاخبارات ئورگىنىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم بەردى.
ھىندىستاننىڭ يېقىندىكى دېڭىز ئارمىيسى ھەرىكىتىنىڭ نىشانى پاكىستاننىڭ گىۋادار رايونىغا قارىتىلغان. ھىندىستان يېقىندا بوئىڭ شېركىتىنىڭ P-8 تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى، دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ھەمدە فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە ئورتاق تەتقىق قىلىپ چىققان سۇ ئاستى پاراخوتىنى سېتىۋالدى. ھىندىستان يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن كۈچلۈك ھەربىي مۇناسىۋەت ئورناتتى، مەسىلەن ۋېيتنامنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا جۇڭگوغا خىرىس قىلىشىنى قوللىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇرۇش پاراخوتىنى سېنگاپورغا ئورۇنلاشتۇرۇشى جۇڭگونىڭ پاكىستاندا ھەربىي پورت قۇرۇشىغا قايتۇرغان ئىنكاسىمۇ؟