ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىبراھىم: لىۋىيە خەلقىنىڭلا كازافىينىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار، دېدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم 12-ئىيۇن كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: لىۋىيە ھۆكۈمىتى كازافىينىڭ تەختتىن چۈشۈشى شەرت قىلىنغان ھەر قانداق كىرزىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىدۇ.

ئىبراھىم مۇنداق دېدى: كازافىينى تەختتىن چۈشۈرۈش پىلانىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن ھەر قانداق كىشى قارشى ئېلىنمايدۇ. بۇ خىل تەلەپ ئەخلاقسىزلىق بولۇپلا قالماستىن، قانۇنغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. پەقەت لىۋىيە خەلقىنىڭلا كازافىينىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى بار.

ئىبراھىم مۇخبىرلار يىغىنىدا يەنە مۇنداق دېدى: لىۋىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پايتەخت تىرىپولىنىڭ غەربىدىكى مۇھىم بازار زاۋىيەنى ئىگىلىمەكچى بولغان قوراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بەردى.

لىۋىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 12-ئىيۇن كازافىينىڭ تىرىپولىدا خەلقئارا شاھمات بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى يىلىمورىنوف بىلەن كۆرۈشكەنلىكىگە ئالاقىدار سۈرەتلەرنى كۆرسەتتى. كازافىي يىلىمورىنوف بىلەن يەنە بىر قول شاھمات ئوينىغان.

يىلىمورىنوف ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنداق دېدى: كازافىي تىرىپولىدىن ھەرگىز ئايرىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى، لىۋىيە ئۇنىڭ ۋەتىنى. ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىسى بۇ يەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى.

تەرجىمان: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!