خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ‹‹جۇڭگو –رۇسىيە دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى›› ئىمزالانغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، جۇڭگونىڭ رۇسىيە، قازاقىستان، ئۇكرائىنا ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ، بۇ جۇڭگو ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى، ھەمكارلىقىنىڭ ساغلام، مۇقىم ۋە ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەئىس خۇجىنتاۋ يەنە 15–ئىيۇندىن 18–ئىيۇنغىچە رۇسىيەدە، 18–ئىيۇندىن 20–ئىيۇنغىچە ئۇكرائىنادە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىكەن.