ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۈركىيە قازافىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2011-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 11-ئىيۇن خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتتە، تۈركىيە تەرەپ قازافىنى قوغداپ لىۋىيەدىن كېتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىن
  
يەر شارى تورىنىڭ 11-ئىيۇن خەۋىرى: فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىغا ھاۋا ھۇجۇمىنى كۈچەيتىۋاتقان پەيتتە، تۈركىيە تەرەپ قازافىنى قوغداپ لىۋىيەدىن كېتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بىراق نۆۋەتتە قازافى بۇ تەكلىپكە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تىرىپولىنى داۋاملىق بومباردىمان قىلغان، شەھەردىن قويۇق ئىس كۆتۈرۈلگەن. تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئاخباراتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قازافىغا تەكلىپ سۇنۇپ، ئەگەر قازافى لىۋىيەدىن كەتسە، ئۇنى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەردوغان ئالاقىدار قوغداش كاپالىتىنىڭ ماھىيىتىنى كونكرېت چۈشەندۈرمىگەن، ئەمما ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قازافى «بارماقچى بولغان ھەر قانداق جايغا بېرىشى» غا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى دېگەن. ئەردوغان يەنە قازافىنىڭ لىۋىيەدىن كېتىشتىن باشقا تاللىشىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتقان.
ئەردوغان نۆۋەتتە قازافىنىڭ ئىنكاسىنى تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!