ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرايلى ›› باش تېما تەربىيە پالىيىتىدىكى خىزمەتلىرى ياخشى ئىشلەنمەكتە

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ ئونسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش ئۆمىكى 10-ئىيۇن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئونسۇ ناھىيەسىدىكى مۇناسۋەتلىك خادىملارنىڭ ھەمرالىقىدا، ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ، پۈتۈش ئالدىدا تۇرغان ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ئورنى ، ئونسۇ بازىرىغا قاراشلىق كۆكيار مەھەللىسى ، تۇخۇلا يېزىلىق ‹‹ قوش تىل ›› بالىلار باغچىسى ، تۈۋەنكى قۇرباغ كەنت ، ئىشلەمچى يېزا مەركىزىي مەكتەپ ، خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سېلىنىۋاتقان بەشمىرەك كەنتى ۋە جام بازىرىنىڭ يۇقىرقى تۈمەن كەنتلىرى ، تاغلاق فېرما، ياغاچ غوللۇق ئاشلىق ، مايلىقدان ئورمان مەيدانى ، 100 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيە باغچا رايونى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ ، ‹‹ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈپ ، گۈزەل يۇرت ماكان قۇرايلى ›› باش تېما تەربىيە پالىيىتىدىكى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە قارىتا نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش ، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ، دوكلات ئاڭلاش ، ئارخىپ ماتېرياللارنى كۆرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ ، بۇ ھەقتىكى ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە يۇقىرى باھا بەردى .

سۈرەتتە: جاڭ كېراڭ ئونسۇ بازىرى كۆكيار مەھەللىسىدە ئەھۋال ئىگىلىمەكتە

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر