ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدجان مۇرتىزا خەۋىرى، فوتوسى: ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ‹‹ئۆزىنى قوغداش››مانىۋېرى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى مانىۋېرغا 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە يەر تەۋرىگەندە جىددىي تارقىلىش، بىخەتەر جايلارغا پاناھلىنىش قاتارلىق ئەمەلىي مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىخەتەرلىك تونۇشى ۋە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى.