ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ2011–يىللىق مەمۇرلار ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     جاڭ شىنيۈ خەۋىرى : مۇخبىرنىڭ 10 – ئىيۇن ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2011 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان مەمۇرلار، خىزمەتچىلەرنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان قاتارلىق ئىشلارنى ئېلان قىلىپتۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورىدىن ئۆزىنىڭ يازما ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە رەت تەرتىپىنى ئۇقسا بولىدىكەن.

    يازما ئىمتىھاننىڭ كونترول نومۇر چېكىدىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار، ھەر بىر خىزمەت ئورنىنىڭ رەت تەرتىپى بويىچە، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرىدىغانلار بەلگىلىنىدۇ.

    بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ سالاھىيەتنى قايتا تەكشۈرۈش ۋاقتى 2011 – يىلى 12 – ئىيۇلدىن 14 – ئىيۇلغىچە بولۇپ، كونكرېت ئىشلارنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 5 – ئىيۇل شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تور بېتى www.xjrs.gov.cn شىنجاڭ كوئېنلۇن تورى www.xjkunlun.cn، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ تور بېتى www.xjrsks.com.cn دىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. سالاھىيەتنى قايتا تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار يۈزتۇرا ئىمتىھانغا قاتناشسا بولىدۇ، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى 18 – ئىيۇلدىن 22 – ئىيۇلغىچە بولىدۇ.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر