ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 13- ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبى مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنى ئاچتى . شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسى ، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى ، شىنجاڭ گېزىتى ، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى ، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن كەلگەن مۇخبىرلار يىغىنغا قاتناشتى .
شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ۋە باش مەشقاۋۇلى ئابدۇرەشىدخان ئابدۇلئەھەدنىڭ دېيىشىچە ، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ پالۋان لوڭقىسى ›› ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسى 17 - ئىيۇن شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن . مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قارىقاش كوماندىسى ، دولان كوماندىسى ، كۇچا كوماندىسى ، قىران بۈركۈت كوماندىسى ، بىڭتۇەن كوماندىسى قاتارلىق 11 كوماندا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە ياش چەلمىسى يوق بولۇپ ، ماھىرلار ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە 45kg 52kg 56kg 60kg 65kg 70kg 75kg 80kg دىن ئىبارەت 8 دەرىجە بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن ، شەخىسلەر بويىچە سەككىز ئالتۇن مېدال ، سەككىز كۆمۈش بېدال تەسىس قېلىنغان بولۇپ ، كوللىكتىپ بويىچە ئالدىنقا ئۈچ كوماندا مۇكاپاتلىنىدىكەن .
مۇسابىقە مەيدانى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى شىنجاڭ پالۋان تەنتەربىيە كۇلۇبىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە بولۇپ ، بېلەت باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا 30 يۈەن ، 50 يۈەن ، 70 يۈەن ، 100 يۈەن ، 120 يۈەن ئىكەن .