ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئىل لى يۈەنچاۋ بىلەن كۆرۈشتى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
  

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئىل تۈنۈگۈن پيۇڭياڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، مەركىزى كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يۈەنچاۋ بىلەن كۆرۈشتى. كىم جۇڭئىل يېقىندا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، باش سېكرېتار خۇ جىنتاۋ قاتارلىق جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. كۆرۈشۈشتىن كېيىن، كىم جۇڭئىل زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، لى يۈەنچاۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كۈتۈۋالدى.

لى يۈەنچاۋ زىيارەت مەزگىلىدە يەنە چاۋشيەن ئالىي خەلق كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭنام، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇرۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى، ئالىي خەلق كېڭىشىنىڭ باشلىقى چوي تايفۇ بىلەن سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن پارتىيەلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!