جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ لاگىرىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋېستىرۋېللى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: گېرمانىيە لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ھەمدە ئۆكتىچىلەرگە زۆرۈر ھەربىي ياردەمدىن باشقا ياردەم بېرىپ، لىۋىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ۋېستىرۋېللى مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە كازافىينىڭ ھوقۇق تاپشۇرۇپ تەختتىن ئايرىلىشىغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرى. بىز مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېت بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق دېموكراتىك، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان لىۋىيە قۇرۇپ چىقىشقا ياردەملىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز.