ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلغان گۇماندارلارنى قولغا ئالدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى: يەمەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە تور بېكىتىنىڭ 13-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: يەمەن بىخەتەرلىك تارمىقى 3-ئىيۇن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتناشقان نۇرغۇن جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يەمەن بىخەتەرلىك تارمىقى بۇ گۇماندارلارنى سوراق قىلماقتا. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمە كېڭەش پارتىيەسى 3-ئىيۇن پىرېزىدېنت مەھكىمىسىگە ھۇجۇم قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، پىرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بازا تەشكىلاتىمۇ بۇ قېتىمقى ھۇجۇمغا قاتناشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېدى: پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ئىچىدىكى مەسچىدتە خىزمەت قىلىدىغان دىنىي زات ئەخمەد قادىر 3-ئىيۇن مەسچىدكە بالدۇر كەلگەن ھەمدە تەخمىنەن ئىككى سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئايرىلغان، ئارقىدىن ئۇ ئايرودرومغا بېرىپ گېرمانىيەگە كەتكەن. تېرورلۇققا قارشى گۇروپپا ئارقىدىن قادىرنىڭ سانادىكى ئۆيىدە بازا تەشكىلاتىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسىگە ئالاقىدار بەزى دېسكا ۋە كىتابلارنى بايقىغان. ھازىر داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتىكەن.   تەرجىمان: ئامانگۈل ھېبىبۇللا  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!