جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىتالىيە 12-ئىيۇن ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشقا باشلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت تۈرلۈك ئاۋاز بېرىش نەتىجىسى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەكمۇ-يوق، ئاممىۋى سۇ بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش كېرەكمۇ-يوق، شۇنداقلا، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىغا ئەدلىيە جەھەتتىن كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىش كېرەكمۇ-يوق دېگەن مەسىلىلەرنى بېكىتىدۇ.
ئىتالىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز قويۇشتا بېلەت نىسبىتى %50 دىن ئاشسا، ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىتالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئىيۇن كەچكىچە، يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەشنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بېلەت نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 41 تىن ئاشقان.
تەرجىمان: ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم