جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق بىر يەمەنلىك ئاخبارات ئەربابى 11-ئىيۇن مۇنداق دېدى: يەمەن پىرېزىدېنتى سالىھنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭ ئۆپكىسىدىن مەسىلە چىقتى، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يەمەننىڭ نەچچە مىنىستىرى سالىھنى يوقلاشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىندى. بۇ سالىھنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل