جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
شىياڭگادا چىقىدىغان «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى» نىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 70 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، كۆلەڭگە ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون خەۋەرلىشىش تورى قۇرۇپ، ئىران، سۈرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمائىل