جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى چېن جىيەن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىقتىساد-سودا ۋەكىللەر ئۆمىكى 13-ئىيۇن موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، موڭغۇلىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئېنىخبولىد بىلەن بىرگە جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمنامىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويدى. يىغىندىن كېيىن، چېن جىيەن موڭغۇلىيە بۈيۈك خولارىنىڭ رەئىسى دېمبېرلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە موڭغۇلىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى بايارچاگىت بىلەن سۆھبەتلەشتى.