«قارىلار» نىڭ ھەممىسى مەخپىي ھالەتتە خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، مۇبادا ئاشكارلىنىپ قالسا، ئۇلار بىلەن «ئاقلار» ئۇچرايدىغان مۇئامىلە ئوخشىمايدۇ، «ئاقلار» دېپلوماتىيە ئەمەلدارى ئالاھىدە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشلۇق دۆلەتتە مەسئولىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ، «قارىلار» بولسا تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن ئەدىلىيە تەرتىپىگە كىرگۈزىلىدۇ. جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلدۈرۈشىچە، «قارىلار» ھەر ۋاقىت ئاخبارات توپلاۋەرمەيدىكەن، چۈنكى سالاھىيىتى سودىگەر ياكى كارخانىچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى يوشۇرغاچقا، شۇڭا ئادەتتە باشقا سودىگەرلەرگە ئوخشاش بازاردىكى ئىشىنى ئوبدان باشقۇرىدىكەن، مۇبادا پۇرسەت چىقىپ قالسىلا، ئۇلار ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن سالاھىيىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ئاخباراتنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.«شۇڭا بەزىدە ئاخباراتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى ھەش-پەش دېگۈچىلا ئىش» ئىكەن. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، چەتئەل بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قاتارلىق تېخنىكا ۋاستىلىرى بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ «قارا» جاسۇسلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىشى ناھايىتى تەس ئىكەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك رازۋېتكىغا قارشى ۋاستىسى بار ئىكەن، ئەمما بۇ كىشىلەر ھەمىشە تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار سەۋەبلىك سالاھىيىتى ئاشكارلاپ قويىدىكەن. ئۇچۇر بەرگۈچى بىر زات:«جەنۇبىي كورىيەنىڭ چەتئەللەردىكى ئالاھىدە خادىملىرى ھەمىشە پۇل ياكى ئايال سەۋەبلىك دىققەت قىلمايلا سالاھىيىتى ئاشكارلاپ قويىدۇ» دېگەن.
ئۇزۇندىن بۇيان، جاسۇسلۇق ھەرىكىتى «شەكىلسىز ئۇرۇش، نامسىز جەڭچى» دېگەن نام بىلەن داڭلىق، تىنچلىق مەزگىلدىمۇ توختاپ قالمايدىغان بىر خىل ئۇرۇش. جەنۇبىي كورىيە«ئاخبارات قاراڭغۇ ئۆڭكۈرى» دەپ تەرىپلىنىدىغان شىمالىي كورىيەگە ئۆزىنىڭ كۆز-قۇلاقلىرىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ئاخبارات خىزمىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قانات يايدۇرۇشتىن باش تارتمىدى. ئامما، چەتئەلنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي، سالاھىيىتىگە ماس كەلمىگەن ھالدا ھەرىكەت قىلغان جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلىرىمۇ تورغا چۈشۈپ قېلىش تەغدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشى تەس.
جەنۇبىي كورىيە «مەركىزىي گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2010-يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو قوغلاپ چىقارغان جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات مايورى جاۋ يېقىندا جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىدىكى مەلۇم ئالىي ئەمەلدارنىڭ ھال سورىشىغا مۇيەسسەر بولغان، ئۇنىڭ «چەتئەلدە شىمالىي كورىيەگە قارىتىلغان خىزمەت» تە كۆرسەتكەن «تۆھپىسى» ۋە تۆلىگەن بەدىلىگە رەھمەت ئېيتقان ھەمدە جاۋ نى يېڭى خىزمەت ئورنىغا ئامال بار تېز ئورۇنلاشتۇرۇپ، «كەسپىي ئاخبارات خادىمىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش» ىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمەلىيەتتە، جاۋ ئىسىملىك مايور ئەسلىدە جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكى ئاخبارات شىتابىنىڭ كەسپىي ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ، 2009-يىلىنىڭ بېشىدا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدار سالاھىيىتىدە جۇڭگوغا كەلگەن. 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى، جاۋ شېنياڭدا ئۆزىنى «شىمالىي كورىيە بىلەن مۇناسىۋىتىم بار» دەۋالغان سىرلىق شەخس بىلەن ئۇچراشقاندا جۇڭگو بىخەتەرلىك تارماقلىرى قولغا ئالغان، كېيىن 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەمما 2010-يىلى 9-ئايغا كەلگەندىلا جەنۇبىي كورىيەگە قوغلاپ تاشلىغان. جاۋ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن «چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش» شەكلى بىلەن ئۇنى تېزرەك قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، ئەمما جۇڭگو ئەدىلىيە تەرتىپى بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرغان. جەنۇبىي كورىيەلىك ئۇچۇر بەرگۈچى زات:«جۇڭگو سوتى جاۋ مايورنى ۋە باشقا ئوغرى، ئالدامچىلىق جىنايىتى سادىر قىلغان جەنۇبىي كورىيەلىك جىنايەتچىلەر بىلەن بىرگە،جىنايەتچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەكلى ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيەگە قايتۇرۇپ بەردى» دېگەن.
جەنۇبىي كورىيەنىڭ بىر ئاخبارات ئەمەلدارى:«جۇڭگو دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانكەشلىك قىلدى دېگەننى سەۋەب قىلىپ، قائىدىنى بۇزغان ھالدا دۈشمەنلەشمىگەن دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇتۇش ھەمدە باشقا جىنايەتلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تاشلاش ئۇسۇلى جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ساھەسىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى» دېگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، جاۋ جۇڭگونىڭ مەخپىي ئاخباراتلىرىنى يىغمىغان، پەقەت شىمالىي كورىيەگە ئالاقىدار ئاخباراتلارنى توپلىغان، جۇڭگو سوتى ئۇنى جاسوسلۇق جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم قىلىشى ھەمدە 3 يىل قاماققا ھۆكۈم قىلىشى سەل ئېشىپ كەتكەنلىك ئىكەن، جۇڭگو 1999-يىلى 7-ئايدا ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق جۇڭگودا شىمالىي كورىيەگە ئالاقىدار ئاخباراتلارنى توپلاشقا چېتىشىلىق 30 نەچچە نەپەر جەنۇبىي كورىيە جاسۇسىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى. بىراق «شەرقىي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەۋرىنىپ تۇرۇدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ جاۋ نى قاتتىق جازالىشى ئېھتىمال ھەل قىلغۇچ پەيىتتە شىمالىي كورىيەگە «ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى» نىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بولىشى مۇمكىن ئىكەن، جۇڭگو جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ئورگىنىغا ئېنىق سىگنال بېرىپ، بېيجىڭ ۋە جۇڭگو-شىمالىي كورىيە چېگرىسىنى سەھنە قىلىپ شىمالىي كورىيەگە قارىتا ئاخبارات ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىنى چەكلىگەن ئىدى.
كىشىگە تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇرىدىغىنى، جەنۇبىي كورىيە ئالاھىدە خادىملىرى شىمالىي كورىيەنىڭ قورال-ياراغلىرىنى تىڭتىڭلاش ھەرىكىتى پات-پات مەغلۇپ بولىشىنىڭ سەۋەبلىرىدە يەنە مەبلەغ مەسىلىسى بار. بارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خام چوتىنى باشقۇرۇدىغان جەنۇبىي كورىيە پارلامېنتى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ھەر يىلى ھۆكۈمەت ۋە ئارمىيەنىڭ خام چوتىنى قاتتىق تەكشۈرەيدۇ، چۈنكى جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ چەتئەللەرگە كېڭىيىپ كېتىشىدىن بەك قورقىدۇ. «چەتئەللەردىكى ئاخبارات ھەرىكىتى» جەنۇبىي كورىيەنىڭ سىياسىي چەكلەنگەن رايونى دەپ قارىلىدۇ، ئەينى يىلى پەك جوڭخۇينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدا، جەنۇبىي كورىيە ئالاھىدە خادىملىرى ياپونىيەدە باشقىچە كۆز قاراشتىكى زاتلارنى تۇتقۇن قىلىش (كېيىن جەنۇبىي كورىيەنىڭ پىرىزدېنتى بولغان كىم تېجۇڭ نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شىمالىي كورىيەگە مايىل جەنۇبىي كورىيەلىك زاتلارنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈش قاتارلىق رەززىللىكلىرى جەنۇبىي كورىيە پارلامېنتى ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «ھەميانىنى ئاچالماس» قىلىپ تاشلىغان ئىدى. نەتىجىدە ، قورۇنۇپ قالغان شىمالىي كورىيە ئالاھىدە خادىملىرى شىمالىي كورىيە قورال مەخپىيەتلىكى كۆز ئالدىدا تۇرسىمۇ، پەقەت چىشىنى چىڭ چىشلەپ تۇرۇش مېھرىدىن كېچىشكە مەجبۇر بولاتتى.
يېقىنقى يىللاردا، جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلىرى چەتئەللەردە شىمالىي كورىيەگە قارىتا ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، بۇرۇنقى شىمالىي كورىيە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە شىمالىي كورىيە ماتىرىيال ئورگانلىرى خادىملىرىنى ئۆز ئىچىدىن ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتىشنى ئاساس قىلغان ئەندىزىدىن بۇرۇلۇپ، شىمالىي كورىيەنىڭ سەزگۈر ئاخباراتلىرىنى، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيەنىڭ چەتئەلگە قورال سېتىش ھەمدە ئىمپورت قىلغان ھەربىي ئەشيالىرىنىڭ خام ماتېرېيال ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگەللەشكە بۇرۇلغان.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلىرى چەتئەللەردە ھەرىكەت قىلغاندا، ھەمىشە «قېرىنداشلىق مېھرى» دىن پايدىلىنىپ بۇرۇنلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى بولۇپ كەتكەن شىمالىي كورىيە كورىئانلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ خىزمەت قىلدۇرىدۇ. جەنۇبىي كورىيە «مەركىزىي گېزىت» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو بىخەتەرلىك ئورگانلىرى پاش قىلغان جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلۇق دېلولىرى ئىچىدە، جىنايەتكە سۆرەپ كىرىلگەنلىرى ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگولۇق كورىئانلار (چاۋشىيەن مىللىتى). ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغلاپ ماڭقىسىنى ئېقىتقىنىچە پۇشايمان قىلىشىدۇ، سالاھىيىتىنى يوشۇرغان جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلىرى ھەمىشە «مىللەتچىلىك» ئارقىلىق قۇترىتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئارقىلىق قىزىقتۇرۇپ قارماققا ئىلىندۇرىدۇ، نەتىجىدە ئۇلارنى بارسا كەلمەس يولغا باشلاپ ماڭىدۇ. (تامام) مەنبە: شىياڭگاڭ سۇمرۇغ ھەپتىلىكىدىن نەپرەت تەرجىمە قىلدى، (باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ) جەنۇبىي كورىيە جاسۇسلىرى جۇڭگودا مەخپىي ھەرىكەت قىلماقتا (1)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!