ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىراق يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىراق يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلدى u_a_client="1003"; u_a_width="468"; u_a_height="90"; u_a_zones="1003"; u_a_type="0" قوراللىق ئۇنسۇرلار ئىراق يەرلىك ھۆكۈمەتكە ھۇجۇم قىلدى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 14-ئىيۇن خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارى دېيىشىچە، نەچچە ئون قوراللىق ئۇنسۇرلار 14-ئىيۇن ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى دىيالا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باقۇبا شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ھەمدە بىر قىسىم كىشىلەرنى گۆرۈگە ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، دىيالا ئۆلكىسىدە 14-ئىيۇن 4 قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ھازىرغا قەدەر 7 ئادەم ئۆلگەن، 17 ئادەم يارىدار بولغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، دىيالا ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى باقۇبا شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك پارلامېنتنىڭ باياناتچىسى دېيىشىچە، 14-ئىيۇن ھۆكۈمەت بىناسىغا يېقىن جايدا 4 قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن، ئىككى قېتىملىقى ماشىنا بومبا ئىكەن، قالغان ئىككى قېتىملىقى ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقان. بۇ ھۇجۇملاردا 7 ئادەم ئۆلگەن، 17 ئادەم يارىدار بولغان. ئەمەلدار ئاگاھلاندۇرۇپ، ھۇجۇمدا ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار يەنە ئېشىشى مۇمكىن دېگەن.
پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، نەچچە ئون قوراللىق ئۇنسۇر ئاپتوماتلىرىنى كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن ھەمدە بىنانى قوغداۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان.
بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغىلى بولىدىكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، قوراللىق ئۇنسۇرلار ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. نۆۋەتتە تۇتقۇنلارنىڭ سانى ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم يۈز بەرگەندە، ھۆكۈمەت بىناسىدا ھەپتىلىك يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم بىلەن بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەل-قائىد تەشكىلاتى سالاھىدىن ئۆلكىسىنىڭ تىكرىت ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشى ھەم خادىملارنى تۇتقۇن قىلىپ، 58 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇم بىلەن ئوخشايدىكەن.  ئىراق يەرلىك پارلامېنتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ كۆپلىگەن ئادەملەر قازا قىلدى
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!