ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ش ئا ئە ت نىڭ لىۋىيەنى بومباردىمان قىلىشى كۈچەيدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تىرىپولى، 7 - ئىي−ۇن تېلېگ−راممىسى. ش ئا ئە ت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 7 - ئىيۇن كۈندۈزى لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىنى بىر قانچە قېتىم بومباردىمان قىلدى ھەم لىۋىيە رەھبىرى كازافى ئىلگىرى تۇرغان ئەزىزىيە ھەربىي لاگېرىغا نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، نۇرغۇن ئۆي - ئىمارەت ۋە ئۇل ئەسلىھەنى ۋەيران قىلدى.

    كازافى بومباردىمان قىلىشقا قاتناشقان ش ئا ئە ت دۆلەتلىرىگە: ئالدىمىزدا دۆلىتىمىزدىن باشقا تاللاش يوق؛ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا دۆلىتىڭلارغا قايتىش، خاتالىقنى تۈزىتىش... چېكىنىش، ۋاز كېچىش ياكى پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەت تاللاش پۇرسىتى بار، دېدى.

    ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 3 - ئاينىڭ 71 - كۈنى لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون تەسىس قىلىش قارارىنى ماقۇللىغاندىن كېيىن فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ياكى ھەربىي پاراخوتلىرى 3 - ئاينىڭ 91 - كۈنىدىن باشلاپ لىۋىيەدىكى ئالاقىدار نىشانلارنى بومباردىمان قىلدى. 3 - ئاينىڭ ئاخىرى ش ئا ئە ت ئامېرىكىدىن لىۋىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!