ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

يەمەن ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى باش مىنىستىر بولدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
يەر شارى تورىنىڭ 28-نويابر خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن پىرىزدېنت مەنسۇر ھادى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مۇھەممەد سالىم باسىندىۋانى يېڭى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىگەن ھەمدە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلە
  

 

يەر شارى تورىنىڭ 28-نويابر خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن پىرىزدېنت مەنسۇر ھادى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مۇھەممەد سالىم باسىندىۋانى  يېڭى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىگەن ھەمدە دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىك قىلغان يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، پىرىزدېنت سالىھ بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئىتتىپاقى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختىدە ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسەن، مۇئاۋىن پىرىزدېنت مەنسۇر ھادى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇمھۇرىيەت بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، مۇھەممەد سالىم باسىندىۋانى يېڭى منىستىر قىلىپ تەيىنلىگەن. مەنسۇر ھادى يەنە ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئىتتىپاقى كۆرسەتكەن تىزىملىك بويىچە، مۇھەممەد سالىم بۇسىندىۋاغا ئىچكى كابېنت قۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن. مۇھەممەد سالىم باسىندىۋا 1935-يىلى جەنۇبىي يەمەننىڭ ئادىن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن شىمالىي يەمەنگە كۆچۈپ بارغان. 1990-يىلى شىمالىي يەمەن بىلەن جەنۇبىي يەمەن بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن يەمەننىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى، ئاخبارات مىنىستىرى، پىرىزدېنت سالىھنىڭ سىياسىي مەسلىھەتچىسى بولغان. مۇھەممەد سالىھ باسىندىۋا 2006-يىلدىن باشلاپ ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولغان. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆكتىچىلەر مەملىكەتلىك كومىتېت قۇرغان ھەمدە مۇھەممەد سالىم باسىندىۋانى رەئىسلىككە سايلىغان. 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، يەمەننىڭ سابىق پىرىزدېنتى سالىھ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى سىياسىي كىرزىگە چېتىشلىق بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەرنى كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەمما 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى پىرىزدېنت مەھكىمىسىنى پارتلىتىش دېلوسىدىكى جىنايەتچىلەر كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلار قاتارىدا ئەمەس ئىكەن. (نەپرەت)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!