جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
فىرانسىيە خام چوت مىنىستىرى پىكىرىس 27-نويابىر فىرانسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ ياۋرو رايونىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى شەرتنامىنى ئىمزالاپ، ياۋرو رايونىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە ئىنتىزامىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقى جازالاش تەدبىرىنى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە تېخىمۇ بىرلىككە كەلگەن، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ۋە تۇزۇم جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ياۋرو رايونى مەركىزىنى قۇرۇپ، ياۋرو رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى ئورتاق مىزانغا ئەمەل قىلىشقا، ساختىپەزلىك قىلماسلىققا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!