ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

دۇربان كىلىمات يىغىنى ئېچىلدى

2011-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىنىڭ 17-قېتىمىلىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى يەنى كىيوتو كېلىشىمىنىڭ 7-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى دۆلەتلەر يىغىنى 28-نويابىر جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇربان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كىلىمات سۆھبىتى باش ۋەكىلى سۇۋاي 27-نويابىر سۆھبەتنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىغا باغلىق دېدى. كىيوتو كېلىشىمىنىڭ 2- ۋەدە باسقۇچىدا دۇربان يىغىنى سۆھبىتى يادرولۇق تېمىسىنىڭ بىرى، كىيوتو كېلىشىمىدە تۇنجى بولۇپ تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پارنىك گازانى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى قانۇنى جەھەتتىن چەكلەش توغرىسىدا خەلقئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، 1-باسقۇچ 2012-يىلنىڭ ئاخىرى قىلىپ بېكىتىلگەن. سۇۋاي مۇنداق دېدى: سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كېلىشىمنامىدە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ 2-باسقۇچتىكى پارنىك گازانى قويۇپ بېرىش كۆرسەتكۈچىنى تېزدىن بېكىتىش كېرەك.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت  
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!