ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

لىۋان كەلگۈسى فىرونتى ھۆكۈمەتنىڭ ب د ت لىۋان مەسىلىسى سوتى ب

2011-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى، كەلگۈسى فىرونتىنىڭ رەئىسى سىنىئوللا 27- نويابىر لىۋاننىڭ 2- چوڭ شەھىرى تىرىپولىدا سۆز قىلىپ، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە سوتى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ھەمدە مەزكۇر سوت كوللېگىيىسىگە ئالاقىدار ھەقنى تاپشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. كەلگۈسى فىرونتى شۇ كۈنى ئىككىنچى چوڭ شەھىرى تىرىپولىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى يىغىلىشتا لىۋان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن. سىنىئۇلا يىغىلىشتا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: لىۋان مەسىلىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتىغا تاپشۇرىدىغان ھەق شەكىل بولماستىن بەلكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن لىۋان خەلقى لىۋاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ھەرىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگە جىنايەتچىنى تاپشۇرۇشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتىنىڭ قاتىلنى جازالاپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئادىل قولىنى سۇنۇشى ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم غەرب ئەللىرى بىلەن لىۋاندىكى بىر قىسىم سىياسىي گۇرۇھلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتى مەسىلىسىدە لىۋان ھۆكۈمىتىگە بولۇپمۇ باش مىنىستىرلىقىغا بېسىم ئىشلەتتى، مىكات 25-نويابىر ئەگەر لىۋان كابىنېتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋان مەسىلىسى ئالاھىدە سوتىغا تاپشۇرىدىغان راسخوتنى تاپشۇرمايدىغان بولسا، ئۆزىنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!