ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مىسىرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيەگە بارىدىغان تەبىئى

2011-يىلى11-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى:
    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى: مىسىرنىڭ سىناي يىرىم ئارىلىدىكى ئارشى شەھرىدىكى ئىسرائىلىيە بىلەن ئىيوردانىيەگە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى 28-نويابىر پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر قانچە كىشى 28-نويابىر ئارشى شەھرىنىڭ غەربىيدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى پارتلاتقان. پارتلىتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىر بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ئۆت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەخ مەيدانغا يېتىپ بېرىپ قۇتۇلدۇرغان، نۆۋەتتە ئۆلۈم يىتىم ئىشلىرىغا ئالاقىدار خەۋەرلەر بېرىلمىگەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرى مىسىر ۋەزىيىتىدە داۋالغۇش كېلىپ چىققاندىن بۇيان، ئارشى شەھرىدىكى تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش تۇرۇبىسى بىر قانچە قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى. مىسىر ھۆكۈمىتى يېقىندا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.   تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!