جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28-نويابر خەۋىرى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز-ئوكيان بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كېڭىشىش ئۈچۈن، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستانلار 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتراپىدا ۋاشىڭتوندا ئۆتكۈزىدىلىغان يىغىن ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇشنى باشلايدىكەن. ياپونىيە، ئامېرىكا يەنە ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان ھىندىستان بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۈچ دۆلەت مۇددەتلىك ھالدا نۆۋەتلىشىپ يىغىنغا باش بولۇپ ئېچىشنى، كېيىن يىغىننى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىشقان. ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتە، ياپونىيە 8-ئاتدا كۈچكە ئىگە بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئىستراتىگىيىلىك مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى، باش ۋەزىر يوشىھىكو نودانىڭ يىل ئاخىرىدا ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش پىلانىنى سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. كېلەر يىلى، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسى يەنە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىدىكەن. (نەپرەت) ھىندىستان ياپونىيە ئامېرىكا ئىستراتىگىيىلىك سۆزلىشىشنى پىلانلىدى