جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر كاراچىدا 27-نويابىر ئامېرىكىغا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى، نەچچە مىڭ ئادەم ئامېرىكىنىڭ كاراچىدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا «ئامېرىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى» دەپ شوئار توۋلىدى.
26-نويابىر سەھەر سائەت ئىككىدە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىكى قىسمىنىڭ بىر نەچچە تىك ئۇچارى ئافغانىستاندىن پاكىستان تەۋەسىگە كىرىپ، ئىككى قاراۋۇلخانىغا ھۇجۇم قىلىپ، پاكىستاننىڭ 26 ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 13 ئادەمنى يارىلاندۇردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەسكەرلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا تېخى شېرىن ئۇيقۇدا ئىكەن.
ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى پاكىستان بىلەن ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دىپلوماتىيە، سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئاخبارات ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاشنى قارار قىلدى ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەشيا توشۇش كالونىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدىكى ئىككى ئاساسلىق قاتناش يولىنى دەرھال ئۈزۈپ تاشلىدى شۇنداقلا ئامېرىكىدىن 15 كۈن ئىچىدە پاكىستان تەۋەسىدە ئىجارىگە ئالغان شەمس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى دېدى.