ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى
يانفوندا كۆرۈش
بېشى «ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش» بۇ يەردە!
ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى
ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئۇقۇمى 90- يىللاردا ئوتتۇرىغا چىققان،كۆپلىگەن كارخانا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ شىركەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. ھازىر TM ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇمغا ئىگە بولۇپ: (Morton2006)ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش پائالىيىتىنىڭ سەككىز تۈرىنى بايان قىلدى: تەكلىپ قىلىش، ساقلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئېچىش، ئۈنۈم باشقۇرۇش، خىزمەتچىلەر ئىنكاسى، ئىختىساسلىقلار پىلانى ۋە مەدەنىيەت. (Fitz-enz2005) ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش ئادەم كۈچى بايلىق باشقۇرۇشنىڭ ئالتە مۇلازىمىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارىغان: تەكلىپ قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، داۋاملىق ئىشلىتىش، ئۈنۈم باشقۇرۇش، تەربىيەلەش شۇنداقلا ساقلاپ قېلىش. (Farley2005) ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش بولسا خىزمەتچى رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ بىر خىل جەريانى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلار باشقۇرۇش ئۇقۇمنىڭ يادرولۇق مەسىلىسىنى "جەلپ قىلىش، قوبۇل قىلىش، تەربىيەلەش ۋە ئىختىساسلىقلارنى ساقلاپ قېلىش" دېگەنگە ئۆزگەرتكەن.
ئەگەر بىز بۇ ئۇقۇمنى كېڭەيتىپ كونكرېت ئەمەلىيەتتە ئىشلەتسەك، ئۇنىڭ ئىچىدىكى "قوبۇل قىلىش، ئېچىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ياراملىق خىزمەتچىلەرنى ساقلاپ قېلىش "ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش ئۇقۇمى بولۇپ قالىدۇ. ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش يەنە جەلپ قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش،باھالاش ۋە باھا، ئۈنۈم باشقۇرۇش، ئۆگىنىش ۋە ئېچىش، داۋاملىق ئىشلەش ۋە ساقلاپ قېلىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنىڭ يادرولۇق دىققەت مەركىزى بولسا "ئىختىساسلىقلار"، ئۇنىڭ تېخىمۇ تۆۋەن دەرىجىدىكى تېخنىكىسى بولسا "ئىختىساسلىقلار ئۇقۇمى"، تېخىمۇ كونكرېت قىلغاندا: "مۇئەييەن مەدەنىيەتكە ماس كېلىدىغان، ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدىكى ئىختىساسلىقلار شەكلى". بۇ بولسا ئامىل شەكلى، رەھبەرلىك ئەندىزىسى، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، باھا مەركىزى، 360 باھا، خىزمەتچىلەر ئەھۋالىنى ئىگىلەش قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكىغا چېتىلغان.