ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىدە، ئەمگەكچى ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟
ۋاقتى: 2016-02-27
ئاۋاتلىقى: 446 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىدە، ئەمگەكچى ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟
جاۋاب: بەزى كارخانىلار ئاللىبۇرۇن ئەمگەكچىنى ياللاپ ئىشلەتكەن ۋە ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان تۇرۇقلۇق، خىزمەتچىنىڭ سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەردىن قېچىش ئۈچۈن، خىزمەتچىنى ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان مەلۇم ۋاسىتىچى شىركەت ياكى مەلۇم ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتى بىلەن توختام تۈزدۈرىدۇ، مانا بۇ ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسى.
ساختا ئەۋەتىش ھادىسىسىگە قارىتا، ئەمگەكچى ئەمگەك توختام قانۇنىنى ئىشلىتىپ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئەگەر ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كېيىن يەنە ئەمگەكچىگە توختام تۈزدۈرمەكچى بولسا، ئەمگەكچى چوقۇم ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش توختامى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، ئەگەر ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى بولۇشنى خالىمىسا، ئىدارىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، ئىدارە قانۇن بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك؛ ئەگەر ئەۋەتىلگەن خىزمەتچى بولۇشنى خالىسا، كېيىنكى مائاشى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پاراۋانلىقلىرىنىڭ قانداق تارقىتىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش شىركىتىنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق ئىقتىدارى بار.