ئىلقۇت تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى ياكى ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى ياكى ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى

ۋاقتى: 2015-09-23 ئاۋاتلىقى: 507 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بېشى «دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە پايچىلار ئۇيۇشمىسى تەسس قىلماسلىققا دائىر بەلگىلىمىلەر» بۇ يەردە!

 

 4. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى ياكى ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى

 

1. مۇدىرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىل قىلىنىشى

 

چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەزالىرى 3 كىشىدىن 13 كىشىگىچە بولىدۇ.

 

دۆلەت ئىلكىدىكى ئىككىدىن ئارتۇق كارخانا ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى باشقا ئىككىدىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇشى كېرەك. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەكىلىنى شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

 

مۇدىرىيەت بىر باش مۇدىر، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر تەسىس قىلىنىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن باش مۇدىرلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش چارىسى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ. باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.

 

2. مۇدىرىيەتنىڭ خىزمەت ھوقۇقى

 

شىركەتنىڭ قانۇنىنىڭ 46-ماددىسىدا، مۇدىرىيەتنىڭ پايچىلار ئۇيۇشمىسىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى ھەمدە تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن:

 

1) پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىشقا مەسئۇل بولىدۇ، پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ يىغىنىغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛

2) پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ؛

3) شىركەتنىڭ تىجارەت پىلانى ۋە مەبلەغ سېلىش لايىھەسىنى بەلگىلەيدۇ؛

4) شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە خام چوت لايىھەسى، نەق چوت لايىھەسى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

5) شىركەتنىڭ پايدىنى تەقسىم قىلىش لايىھەسى ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

6) شىركەتنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇلغان كاپىتالىنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ؛

7) شىركەتنى قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، شىركەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، تارقىتىۋېتىش لايىھەسىنى تەييارلايدۇ؛

8) شىركەتنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ؛

9) شىركەتنىڭ دېرىكتورىنى(باش دېرىكتورىنى)(تۆۋەندە قىسقارتىپ دېرىكتور دېيىلىدۇ)ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىدۇ، دېرىكتورنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى ۋە مالىيەگە مەسئۇل خادىمىنى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ياكى ۋەزىپىسىدىن بوشىتىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىگە دائىر ئىشلارنى بەلگىلەيدۇ؛

10) شىركەتنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.


3. مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى

 

مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ، لېكىن ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشقاندا داۋاملىق سايلانسا، يەنە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ.

 

مۇدىرىيەت ئەزالىرىنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى، پايچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇلارنى سەۋەبسىز ۋەزىپىسىدىن ئېلىۋېتىشىگە بولمايدۇ.

 

4. مۇدىرىيەتنىڭ كېڭىشىش قائىدىسى

 

مۇدىرىيەت يىغىنىنى باش مۇدىر ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ؛ باش مۇدىر پەۋقۇلئاددە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەت ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزەلمىگەندە، باش مۇدىر كۆرسەتكەن مۇئاۋىن باش مۇدىر ياكى باشقا مۇدىرىيەت  ئەزاسى ئاچىدۇ ۋە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۈچتىن بىر قىسمىدىن ئارتۇق مۇدىرىيەت ئەزالىرى مۇدىرىيەت يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ. مۇدىرىيەت يىغىنىنى ئېچىشتا، يىغىن ئېچىشتىن 10 كۈن ئىلگىرى بارلىق مۇدىرىيەت ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

 

مۇدىرىيەت يىغىنىدا قارالغان ئىشلار توغرىسىدىكى قاراردىن يىغىن خاتىرىسى قالدۇرۇلۇشى، يىغىنغا قاتناشقان مۇدىرىيەت ئەزالىرى يىغىن خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇشى كېرەك.

مۇدىرىيەتنىڭ كېڭىشىش شەكلى ۋە ئاۋازغا قويۇش تەرتىپى«شىركەت قانۇنى»دا ئايرىم بەلگىلىمە بارلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

 

5. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ پايچى سانى ئازراق، كۆلىمى كىچىكرەك بولسا، بىر نەپەر ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسى قويۇشقا بولىدۇ، مۇدىرىيەت ئەزاسى شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.

 

ئىجرائىيە مۇدىرىيەت ئەزاسىنىڭ خىمزەت ھوقۇقى «شىركەت قانۇنى»نىڭ 46-ماددىسىدىكى بەلگىمىلەر بويىچە شىركەتنىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلىنىدۇ.

6.دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتى

 

دۆلەت ئىلكىدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە مۇدىرىيەت تەسىس قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۈچتىن توققۇز كىشىگىچە بولىدۇ.

 

مۇدىرىيەت ئەزالىرىنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت  ھوقۇق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەتنىڭ ۋاكالەت مۇددىتى بويىچە ئەۋەتىدۇ ياكى ئالماشتۇرىدۇ، مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇشى كېرەك. مۇدىرىيەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كىللىرىنى شىركەتتىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ.

 

مۇدىرىيەتتە بىر باش مۇدىر قويۇلىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا مۇئاۋىن باش مۇدىر قويسىمۇ بولىدۇ. باش مۇدىر، مۇئاۋىن  باش مۇدىرنى دۆلەت مەبلەغ سېلىشقا ھوقۇق بەرگەن ئاپپارات ياكى دۆلەت ھوقۇقق بەرگەن تارماق مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدىن كۆرسىتىدۇ. باش مۇدىر شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى بولىدۇ.

 

دۆلەت ئىلكدىكى ئۆز ئالدىغا مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ مۇدىرىيىتى «شىركەت قانۇنى»نىڭ 46-، 66-ماددىلىرىدىكى بەلگىمىلەر بويىچە خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. مۇدىرىيەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى