«رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلىنىش» دېگەن نېمە؟
يانفوندا كۆرۈش
«رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلىنىش» دېگەن نېمە؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ 23-ماددىسىنىڭ ئىككىنچى تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن:«مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار ئەمگەكچىگە قارىتا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئەمگەك توختامى ياكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش كېلىشىمىدە ئەمگەكچى بىلەن رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلىنىش ماددىسى پۈتۈشسە بولىدۇ.» بۇ ماددا ئەمگەكچىنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئەمگەك توختامى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنگىچە كېڭەيتتى.
رىقابەتتىكى كەسپلەردىن چەكلىنىش مەلۇم مەجبۇرىيىتى بار خىزمەتچى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مۇئەييەن مۇددەت ئىچىدە ئۆزى ئىشلىگەن كارخانا بىلەن ئوخشاش تۈردىكى تىجارەت تۈرى بىلەن ئۆزى شۇغۇللانسا ياكى باشقا شۇنداق تۈر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردا ئىشلىسە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تۈرنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىكى مەقسەت دەل رىقابەت مۇناسىۋىتى بار ئوخشاش ساھەدىكىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئورا كولىشىنىڭ، ئالىي دەرىجىلىك ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئېلىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماجىرانىڭ ئالدىنى ئېلىش.