ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئىدارە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە قانداق جازاغا ئۇچرايدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۈنىدىن باشلاپ بىر ئايدىن ئۇزۇن بىر يىلدىن قىسقا ۋاقىتقىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ئەمگەكچى بىلەن مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، مۇقىم مۇددەتسىز ئەمگەك توختامى تۈزۈش كېرەك بولغان كۈنىدىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بېرىشى كېرەك. شۇڭا، ئەگەر قانۇن بويىچە ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزمىسە، ئەمگەكچىگە ئۆزىنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك مائاشىنى بەرگەندىن سىرت، يەنە ئەمگەكچىگە بولغان تولۇقلىما سۈپىتىدە بىر ھەسسە مائاشنى ئارتۇق بېرىشى كېرەك.