ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئىشتىن بوشىتىلسا، ئىدارە تولۇقلىما بېرەمدۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئىشتىن بوشىتىلسا، ئىدارە تولۇقلىما بېرەمدۇ؟
جاۋاب: «ئەمگەك توختام قانۇنى»نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تەربىيەلىگەندىن ياكى خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا؛ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن 30 كۈن بۇرۇن ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە ئۇختۇرۇش قىلغان ياكى 1 ئايلىق مائاشىنى ئارتۇق بەرگەندىن كېيىن، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
ئىدارە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى دېگەن سەۋەب بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماقچى بولسا، 3 شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك:
1.ئەمگەكچىنىڭ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقى ئىسپاتلانسا؛ 2.ئەمگەكچى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندىن كېيىن ئىدارە ئۇنى تەربىيەلىشى ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تەڭشىشى كېرەك؛ 3.شۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا.