كارخانا ۋەيران بولسا ياكى تاقىلىپ قالسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەكمۇ؟
يانفوندا كۆرۈش
كارخانا ۋەيران بولسا ياكى تاقىلىپ قالسا، ئىدارە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇل بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلسا؛ ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسى كۈچتىن قالدۇرۇلسا، تاقاشقا بۇيرۇلسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تارقىتىۋېتىشنى قارار قىلسا، ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇن ئىدارىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.
بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىش ئەمگەكچىنىڭ خاتالىقى سەۋەبلىك ئەمەس بەلكى ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ سەۋەبى بىلەن كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئادەم ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى قىل سىغمايدىغان ئىش.