• 2009-06-16

    سۈتىنى سېتىش، قېنىنى سېتىش ۋە تېنىنى سېتىش - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41108469.html

    سۈتىنى سېتىش، قېنىنى سېتىش ۋە تېنىنى سېتىش

    (فېليەتون)

    چاڭ پىڭ

    ئىنىك ئانا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بارغانسېىرى كۆپىيىپ كەتتى، ھەر قايسى ئائىلە مۇلازىمەت شىركەتلىرى داغدۇغا بىلەن ئىنىك ئانا تونۇشتۇرۇش كەسپىنى يولغا قويدى. مېنىڭ دىققەت قىلدىغىنىم بولسا، ئىنىك ئانا كەينىدىكى ئانا-بوۋاق ھوقۇقى بولۇپ، ئىنىك ئانا بولغۇچىنىڭ بوۋىقى ئۈچ بۇغا(سەنلۇ) سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىنىڭ يېڭى قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ، بەزىلەر بۇنىڭغا باشقىچە پىكىردە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى : ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ تېنى ۋە سۈتىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار، دېيىش. بۇنىڭدىن قان سېتىش ۋە تېنىنى سېتىش توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى ئويلاپ قالدىم.

    ناھايىتى تېزلا تونۇپ يەتتىمكى بۇنداق دەتالاشنىڭ ئايىغى چىقمايدىكەن، ھېچكىم، ھېچكىمنى قايىل قىلالمايدىكەن. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتى دەل مۇنازىرە جەريانى بولۇپ، بۇ جەرياننىڭ ئۆزى بىر رېئاللىق، بىر قاراش ۋە بىر لوگىكىنىڭ قانات يېيىشىدۇر. كۆرۈشنى ئەڭ خالىمايدىغىنىممۇ دەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان ھادىسە بولۇپ ئۇ بولسىمۇ – بېكىنمە، يەككە بولغان قىممەت قارىشىدۇر. مەسىلەن: «ئادەم سۈتى زىياپىتى»نى غۇژژىدە بىردەك ئەخلاقىي جەھەتتىن ئەيىپلەش؛ سۈت پاراشۇكىدا زەھەر چىققاندىن كېيىن يەنە غۇژژىدە ئىنىك ئانا قىزغىنلىقىغا ئۆتۈپ ئۇنى سۈت پاراشۇكى كەمچىلىكىدىكى تولۇقلاش رولى بار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش.

    بەيدۇ تورىدىكى «ئىنىك ئانا» سالۇنىدا چوڭلارنىڭ ئىنىك ئانا تەلەپ قىلغان نۇرغۇن يازمىسى يوللانغان. بۇنىڭ ئىچىدە خېلى كۆپ ساندىكىسى جىنسىي پاراكەندىچىلىك تېمىلىرى بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ھەقىقىي ئۇچۇرلارمۇ بار. بەزىلەرنىڭ ئانىسىغا قىيالماسلىق ھېسسىياتى باركەن، بەزىلەر ئادەم سۈتى مېزىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى دەپ قارايدىكەن، يەنە بەزىلەر ئادەم سۈتىگە قىزىقىپ قالغانلاركەن، دېمەك بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم سۈتىنىڭ ھەقىقىي ئىستىمالچىلىرى. مۇبادا بۇ خىل تىجارەتنى قانۇنلۇق دەپ قارىغاندا «ئادەم سۈتى زىياپىتى»نىڭ نەرى خاتا؟

    بۇ نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشىمىزدىكى مەقسەت، قېنىنى سېتىش بىلەن تېنىنى سېتىشقا سېلىشتۇرغاندا ئادەم سۈتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىستىمالچىلىرى بوۋاقلار ھېسابلىنىدۇ، قارىماققا ئۇنىڭدىكى ئەخلاقىي چەكلىمە بىكار قىلىنغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا قانۇن چىقىرىپ چوڭلارنىڭ ئادەم سۈتى سېتىۋېلىشى چەكلەنسە بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ كېتەمدۇ؟ مەسىلىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى شۇ يەردىكى: ئادەم سۈتىنى سېتىش بەزى سۈت يېتىشمىگەن بوۋاقلارغا سۈت تولۇقلاش بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم بوۋاقلار يەنى ئىنىك ئانىلارنىڭ بوۋاقلىرىنى ئانا سۈتىنى ئېمىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلماقتا. دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، ئانىنىڭ ئۆز سۈتى بىلەن بوۋىقىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى باركەن، بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىش ھوقۇقى بولىدىكەن. بۇ پۇل بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان مەسىلىدۇر. ئاخبارات ۋاستىلرىىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىڭبودىكى بىر ئىنىك ئانا ۋاستىچىلىك شىركىتى مۇنداق تەكىتلىگەن: «بىز قوبۇل قىلغان ئىنىك ئانىلار بالىسى ئالتە ئايلىقتىن تۆۋەن بولغان ئىنىك ئانىلاردۇر، بۇنداق چاغىدىكى ئانىلارنىڭ سۈتىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.» مېنىڭچە بۇ يالغۇز بىرلا مىسال بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر مۇنچە ئالتە ئايغا توشمىغان بوۋاق ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمەلمەيدۇ، ياكى بولمىسا ئانىسىنىڭ سۈتىگە تويمايدۇ.

    يەنە بىرى ھاياتلىق ئەخلاقى مەسىلىسى. بۇ ئەزەلدىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان مەسىلە. ئادەم بەدىنى تاۋارلىشىپ قايسى دەرىجىگە بارىدۇ؟ ئادەمنىڭ ئەزاسى، سۆڭىكى، ئۇرۇقى، تۇخۇمى، سۈتى، چېچى، جىنسىي مۇلازىمىتى، جىنسىيەتكە چېتىشلىق ئۇۋۇلاش، جىنىسسىز ئۇۋۇلاش ... ۋاھاكازالارنىڭ ئىچىدە قايسىسىنى ئەركىن ئېلىم-سېتىم قىلغىلى بولىدۇ؟ ئەڭ رادىكال مىسال: ئەگەر ئىككى تەرەپ خالىسا ئۆزىنى سېتىپ قۇل بولسا بولامدۇ؟ ئادەتتە، ئادەمنىڭ ئۆز تېنىنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قارىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى: بىرىنچىدىن، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنىچىدىن ئادىمىيلىكىنى(غۇرۇرنى) دەپسەندە قىلماسلىق. بىرىنچىسىنى ئورۇندىماق ئاسان، ئىككىنچىسىگە كەلگەندە ھەر كىم ئۆز بىلگىنىچە قىلىدۇ. غۇرۇرغا بولغان چۈشەنچنىڭ ھەر خىل بولىشى تۈپەيلىدىن بەزى دۆلەتلەردە قېنىنى سېتىش ۋە تېنىنى سېتىش چەكلەنگەن، بەزى دۆلەتلەردە بولسا بۇنىڭغا يول قويۇلغان. بىر ئايال باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىنىك ئانىلىق قىلسا بۇ غۇرۇرغا زادى قانچىلىك زىيان يەتكۈزىدۇ؟ بۇنى بەلكىم شۇ كىشى ئۆزىلا بىلىشى مۇمكىن. بىزگە ئايان بولغىنى ئىنىك ئانا كەڭ دەۋر سۈرگەن مىنگو يىللىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئىنىك ئانىلارنىڭ ئوبرازى ئانىي ئېتىلگۈچى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردۇر.

    ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئىجتىمائىي مەسىلە. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە سۈتىنى ساتقۇچىلارنىڭ دىپلومى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، دىپلومى قانچە چوڭ بولسا سۈتى شۇنچە پۇلغا يارارمىش. دىپلومنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشىنىڭ سۈتنىڭ سۈپىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشى بارمۇ؟ نېمىشقا توخۇنىڭ سەھرادا ئۆسكەن يەرلىك توخۇسى قىممەت؟ مېنىڭچە بۇ بىرىنچىدىن بىمەنىلىك. ئىككىنچىدىن، ھەقىقىي تەشكىللىك كەسپلەشكەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يېتەرلىك ئادەم بولىشى كېرەك، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنىچىسى نامرات يېزىلاردىن كەلگەنلەر. گەرچە سۈتىنى سېتىۋاتقان، قېنىنى سېتىۋاتقان، تېنىنى سېتىۋاتقانلار ئىچىدە پۇلنى دەپ شۇنداق قىلىمىغانلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئومۇمىيلىققا ئىگە ، بۇ ئۈچ خىل كىشىلەرنىڭ ئورتاق بولغان ئارقا كۆرۈنىشى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ زورىيىشى بولۇپ، كۆپنچە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمدىكى نامراتلار كەسپ قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جەمىيەتتىكى باي-نامراتلىق پەرقى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، بۇ خىل مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ.ئەمما تۈپتىن ھەل قىلالماسلىق كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋېلىش، كارى بولماسلىق ئەمەس، بىز چوقۇم كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە بۇ پەرقنى كىچىكلىتىشىمىز ھەمدە تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ نامراتلىق تۈپەيلىدىن يولۇقۇۋاتقان قىيىنچىلىقىنى ۋە ھوقۇقىنىڭ دەخلى تەرۇزگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.

    نۇرغۇن ئىنىك ئانىلار بەلكىم مېنىڭ ئۇلارنى پاھىشىلەر بىلەن بىر قاتاردا مۇلاھىزە قىلغىنىمغا ئاچچىقى كېلىشى مۇمكىن، بۇنى تامامەن توغرا چۈشىنىمەن. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدىكى مۇھاكىمىدە بۇ ئىككى خىل كىشىلەر تامامەن سېلىشتۇرۇشچانلىققا ئىگە. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ ئورنى ۋە ئىمتىيازى مەسىلىسىدە تېخىمۇ كۆپ سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي ئەخلاق نۇقتىسدىن ئالغاندا تېنىنى سېتىش ھەقىقەتەن تېخىمۇ مۇرەككەپ مەزمۇننى ئۈستىگە يۈكلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەسىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى نۇقتىسىدا مەن قاننى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوللايمەن، يەنى ھۆكۈمەت ھەقسىز تەقدىم قىلىدىغان، بىخەتەر سۈت ئامبىرى تەسىس قىلشى كېرەك. بۇ نۇرغۇن دۆلەت قوللىنىۋاتقان ئۇسۇل. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، برازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۈت ئامبىرى ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭكىدىن خىېلى بەك كۆپ ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگودىن ئىبارەت تەرەققىي قىلىۋاتقان نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق مۇلازىمىتىگە تەرەققى تاپقان دۆلەتلەردىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. ئەمما، نۇرغۇن دوستلىرىم مۇنداق دەيدۇ: سۈت پاراشۇكىغا بولغان نازارەتمۇ رولىنى يوقاتقان يەردە سۈت ئامبىرىغا زەھەر قوشۇۋېتىش ياكى ھەقسىز تەقدىم قىلىنغان سۈتنى سېتىپ زور پايدا ئالىدىغان ئىش چىقسا قانداق قىلغۇلۇق؟ قارىغاندا ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشىنى نازارەت قىلىش ئالدىنقى شەرت بولىشى كېرەككەن.

     

    چاڭ پىڭ ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە ئەسلىدە 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى«جەنۇب تورى»دا ئېلان قىلىنغان، ئاندىن «2008-يىللىق جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى فېليەتونلار» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. شۇ ناملىق كىتابتىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى:

    评论

  • ئارغۇ ئەپەندى، ناھايىتى ياخشى نەرسىلەرنى بېرىۋاتىسىز جۇمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېما يېڭىلىشىڭىز ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، تېخىمۇ تىرىشىڭ....
    ئارغۇ回复YOLBASH说:
    يولباش ئەپەندى، قوللاپ قۇۋۋەتلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
    2009-06-17 09:38:22