• 2009-06-13

    ئەقلىيەلەر - [تەرمىلەر]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40930740.html

    ئادەمنىڭ ھاياتى قانچە پۇلغا يارايدۇ – بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. ھاياتنىڭ ساڭا مەنسۇپ بولغان دەقىقىنىڭ ئۆزىدە ئۇ ساڭا نېمەت، قايتۇرۇپ كېتىلگەندە بولسا ئامانەتنىڭ قايتۇرۇلىشى بولىدۇ. ئەتراپىمىزغا سەپ سېلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ بەزىدە قىممەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز، ھەتتا بەزىدە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. –بېئېن

    بىز تەلپۈنىدىغان جاي چۈشەنمەيدىغان جايدۇر، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ باشقا شەھەرگە كېتىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ ھەممىسى پەقەت بىرلا – بۇرۇنقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشتىنلا ئىبارەت.— ئېمىلىي

    جەمىئىيەت كەيپىياتى بۇزۇلغان، ئەخلاق دەپسەندە بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق پەقەت بىر ئىدىيىۋى يۈك ۋە روھىي كىشەنگە ئايلىنىپ ئادەمنى بىر ئۆمۈر قىينايدۇ، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلاتقا بالاسى تېگىدۇ. – چىن جەنيۈن

    كىشىلەر كۆپ سۆزلىمەسلىمىگەن ياخشى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە سۆزلىمەسلىك ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلماي، ئاستىرتتىن پۇلنى كۆرسە كۆزى قىزىرىدىغانلا ساماندەك. – خەي لۇڭ

    تۈزۈم بولمىسا ھەممە نەرسە ئىشەنچسىز بولىدۇ. – ياڭ شۆۋۇ

    شەھەرلەردە ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋېتىپ پىيادىلەر ۋە ۋېلىسىپىت مىنگەنلەرنى كۆرگەندە ئەسلى سىگنال بېرىشنىڭ ئورنى يوق. سىگنال بەرگنلىك بىلىپ بىلمەي ئۇلارنى قوغلىغانلىق بولۇپ، بۇ بىر ساپاسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. – ۋۇ روزېڭ

    ”بۇيرۇق بويىچە ئىش كۆرۈش “روھى كەيپىياتى بەزىلەرنىڭ كاللىسىغا شۇنداق مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەن. ھەتتا ئۇ قانۇن، ئەخلاققا ھەمدە ھېچقانداق نەرسىگە بويسۇنمايدۇ، ئەمما بۇيرۇق چۈشۈرگەن رەھبەرگە ۋە بۇيرۇق چۈشۈرگۈچىنىڭ ئەمىلىگە قاتتىق چوقۇنىدۇ. – ليۇ خۇڭبو

    بۇرۇن ئەڭ ئاسان ياساندۇرغىنى بولىدىغىنى تارىخ بىلەن كىچىك قىزچاق، دەيدىغان سۆز بار ئىدى. ئەمما ھازىر بىلىمسىزلەر ئالىملاردەك ياسىنىۋالىدىغان، سەنئەتنى چۈشەنمەيدىغانلار سەنئەتكارلاردەك ياسىنىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. تۇرمۇش چىنلىقىغا قارايدىغان بولساق، ساختىلىق ھەقىقەتتىن بەكرەك دەۋر سۈرۈپ كەتتى. – جا پىڭۋا

    تىرىشچانلىق ئەلۋەتتە بىر گۈزەل ئەخلاق، ئەمما نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلارنىڭ سىماسىدىن نائىلاجلىق ۋە ھەسرەتنى كۆرگەندەك بولدۇم. – چېن داچاۋ

    باشقلارغا ئەينەك سوۋغا قىلىش ئەسلى كەمچىكىنى كۆرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلغانلىق بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئەينەكلەر سېھىرلىك ئەينەككە ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ، چىن سۆزلەيدىغانلارنى ئالۋاستى قىلىپ كۆرسىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. – خۇڭ لەن

    ” پەقەت جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى ئوخشىمايدۇ، ئادەملەر ئارا بولسا باراۋەر بولىدۇ “. ئەمەلىيەتتە بولسا ” جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتى “ ھەر ۋاقىت ئاجىز باراۋەرلىك ئېڭىنى كونترول قىلماقتا، شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ئالدىنقى يېرىمى راست گەپ، كېيىنكى يېرىمى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالدى. – دۇڭياڭ ماشېڭ

    چىن ۋەدە بىلەن ساختا ۋەدە بەئەينى چىۋىن بىلەن ھەسەل ھەرىسىدەك بېشىمىزدا ۋىڭىلداپ ئۇچۇپ تۇرىدۇ، ئوخشىمايدىغان يېرى چىۋىنن ھەسەل ھەرىسىدەك ھەسەل بېرەلمەيدۇ. – شاۋ فۇشىن

    سېغىزخان دەيدۇ: قاغا گۈزەل مەدھىيەلەرنى ئوقۇسىمۇ ئۇنىڭغا تىل-ئاھانەت، تاش-تۇپراقلار ياغىدۇ، مەن شاختا سەكرەپ يۈرۈپ ئۇلارنى قاغقىساممۇ ماڭا نازۇ-نېمەتلەر ياغىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى نام ئاتاق ھەقىقەتەن ناھايىتى مۇھىمكەن. – ليۇ كەي

    مالايدىن قورقما، غالچىدىن قورق. بولۇپمۇ غالچىلىق مەدەنىيىتىنى تەرغىپ قىلغۇچىلار تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. – ۋاڭ روگۇ

    كىشىلەر ئادەتلەنگىنىنى ھەقىقەت دەپ قارايدۇ. سەن ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنسەن نۇرغۇن ئەيىپلەشكە ئۇچرايسەن، ھەتتا تەس كۈنگە قېلىشىڭمۇ مۇمكىن، - تەن يەنتۇڭ

    ئائىلە ئۈچۈن ئىناقلىقتىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.

    ھاياتلىق ئۈچۈن قەلبنىڭ ئەركىن-خۇشلىقىدىن ئارتۇق ئىش بولمايدۇ.

    دۇنيادا ئېتىقادتتىن ئارتۇق نەرسە بولمايدۇ.  – شاڭزى

    «جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى  

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: