• 2009-06-13

    “ئەل رايىغا خىيانەت قىلىش” - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40930558.html

    ئەل رايىغا خىيانەت قىلىش

    ليۇ چېڭلۇڭ

    كۆپ يىللار ئىلگىرى “ھۆججەتكە خىيانەت قىلىش” دەيدىغان بىر گەپ چىققانىدى، بۇ پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەزى ھۆججەتلەرنىڭ روھى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە باسۇرۇۋېتىلگەنلىك مەنىسىنى بىلدۈرەتتى. چۈنكى كۆپ ساندىكى سىياسەتلەر ئاۋامغا نەپ يەتكۈزسە، كۆپ ھاللاردا ئەمەلدارلارغا پايدىسىز بولىدۇ. ھازىر ھۆججەتلەرگە خىيانەت قىلىش بەك تەسلىشىپ كەتتى، تېلېۋىزور شۇنچە ئومۇمىيلاشقان، تورنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز تۇرسا، خەۋەر-سىياسەتلەرنى جامال قىلىش كەلمەسكە كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمىر-پەرماننىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىندى.

    يۇقىرىنىڭ روھىغا خىيانەت قىلىش قىيىنغا چۈشكەن بولسا، ئەل رايىچۇ؟ ئەل رايى كۆپىنچە خىيانەتكە ئۇچرىماقتا، توسۇپ قېلىماقتا.

    مېنىڭ بىر رەھبىرىم بولىدىغان، يېقىندا ئالىي مەمۇرىي ئىنىستىتۇتقا كۇرسقا بېرىپ كەلدى.بۇ رەھبەر پەزىلەتلىك ھەم ئىقتىدارلىق ئىدى، دېمەك مەسئۇلىيەتچان كادىر دېيىشكە بولاتتى. ئۇ كۇرسنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىزگە ئىنتايىن خۇرسىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت يولىنىڭ يۇقىرىنىڭ روھىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش مەسلىسىدە چاتاق يوقكەن، ئەمما تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈش بىر مەسىلە بوپ قاپتۇ.

    ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەرزىيەت تۆۋەننىڭ ئەھۋالىنى يۇقىرىغا خەۋەرلەندرۈشتىكى مۇھىم يول بولسىمۇ،ئەمما مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشى ناتايىن ئىكەن. مەسىلەن: مەيلى قانداق ئەھۋالدىكى يۇقىرىغا ئەرزىيەتكە بارغاندا، مەيلى ئۇۋالچىلىق بولسۇن، بولمىسۇن، يوللۇق بولسۇن، يولسىز بولسۇن كىمدە كىم ئۆلكىگە(ئاپتونۇم رايونغا)، بېيجىڭغا ئەرزىيەتكە بارسا تۆۋەندىن ئۆلكە مەركىزىگە، بېيجىڭگە ئادەم كېلىپ ئەرزىيەتكە كەلگەنلەرنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. نامدا “ئادەمنى قايتۇرۇپ كېلىش” بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بولسا بولسا “توسۇش”تىن ئىبارەت. ھازىر ھەر بىر ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ئۆلكە مەركىزى(ئاپتونۇم رايون مەركىزى) ھەم بېيجىڭدە ئىش باشقارمىسى بار، بۇلارغا يىلىغا نەچچە يۈزمىڭدىن بىرەر مىليونغىچە راسخوت كېتىدۇ، بۇلار مىنىستىرلىقلارغا يېقىنلىشىشتىكى كۆپلىگەن چىرىكلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا يەنە قانچىلىغان ئەل رايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىشىگە توسقۇن بولىدۇ؟

    خەلق تۇرمۇشىنىڭ قىيىنلىشىشى، ئۇۋالچىلىقنىڭ كۆىيىشىنى ئەلۋەتتە ئامال قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، ئەمما نۆۋەتتىكى ئەرزىيەت سىياسىتىنىڭ تامامەن “توغرا”، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولىشىمۇ ھەقىقەتەن بىر ئىزدىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. ئادەتتە مېنىڭ بۇ رەھبىرىم بۇ جەھەتتە سۆزلەشكە دېگەندەك جۈرئەت قىلالمايتتى، مەسىلەلەرنى يۇقىرىغا تولۇق ئىنكاس قىلالمايتتى، بۇ قېتىم “ئىنىستىتۇت”قا بېرىپ كۇرستا بۇ مەسىلىنى بىر “ئىلمىي مەسىلە” سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق مەخسۇس مەمۇرىي مەسىلىلەرنى تەتقىىق قىلىدىغان ئورۇندا سىياسەتنىڭ “ئەقىلدارلار”نىڭ سىياسەتنىڭ بەلگىلىنىشىدە تامامەن پىكىر بايان قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولىشى كېرەككەن، شۇڭا ئۇ بۇ مەسىلىنى شۇلار ئارقىلىق يەتكۈزمەكچى بوپتۇ. نەتىجىدە “ئەقىلدارلار” شۇ ھامان بۇنداق مەسىلىنى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويماڭ، دەپ ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرىپتۇ.

    مېنىڭ بۇ باشلىقىممۇ بىر رەھبەر تۇرسا، رەھبەرمۇ پىكىرنى دېيەلمىسە، پۇقرالار كىمگە دېيەلەيتتى؟

    خەلق تۇرمۇشىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەر، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى راۋان چۈشۈۋاتقان ئەمىر-پەرمانلاردەكلا يۇقىرىغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزىلەمدۇ؟ئاساسىي قاتلامدىن يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەر ھەر دەرىجە، ھەر قايسى ئېچىقلار تەرىپىدىن ئاز-ئازدىن قىسىۋېلىنامدىغاندۇ؟ ئەڭ ئالىي قاتلامغا يەتكەندە ئىنكاس قىلىنغان ئەاھۋاللارنىڭ چىنلىقى قانچىلىكتۇ؟ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلگەن ئەمىر-پەرمانلار دەرىجىمۇ-دەرىجە ھەسسىلىۋېتىلگەن، يۇقىرىغا يوللانغان ئىنكاسلار دەرىجىمۇ-ژەرىجە قىرقىۋېتىلگەن؛ يۇقىرىدىن چۈشكەن نەچچە ۋاراقلا سۆز تۆۋەنگە چۈشكەندە قېلىن كىتابقا ئايلىنىۋاتقان؛ تۆۋەننىڭ شۇنچە كۆپ توم كىتابتەك ئەھۋاللىرى يۇقىرىغا يەتكەندە بىر ۋاراقمۇ قالماسلىقى مۇمكىن. ئۇ نەگە كېتىدۇ؟ خىيانەت قىلىنغان گەپ، قىسىۋېلىنغان، باسۇرۇۋېلىنغان گەپ.

    مۇشۇ ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئېلىپ ئېيتايلى، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بۇنىڭغا ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئىنچىكىرەك ئويلايدىغان بولساق ئەسلى ئەرزىيەتتىكى ئەل رايىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ ياكى ئەرزىيەتنىڭ تەرتىپكە پاراكەندىچىلىك سالغان” لىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ؟ ئەرزىيەتكە كەلگۈچىلەرنى “قورشاپ توسۇش”، ئەرزىيەت مەسىلىسىنى نەدىن كەلگەن بولسا يەنىلا شۇ يەردە ھەل قىلىشقا بۇيرۇشتا، يۇقىرىدىكىلەر “ئادەمنىڭ كېسىلى بار”لىقىنى بىلەمدۇ يا؟ ھۆججەتنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزۈشنىڭ قانچىلىك “مەجۇرلۇق”ى بار؟ پەرمان راۋان بولمىسا تۆۋەندىكىلەرنىڭ زور جىنايىتىدۇر؛ ئەلرايىنىڭ يۇقىرىغا يەتمەسلىكىچۇ، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟

    سىياسەت، ھۆججەت، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى.... بۇلار بىر تۈپ دەرەخ، دەرەخ بولغاندىمۇ يوغان دەرەخ، بىز ھەممىمىز مۇشۇ دەرەختە جان باقىمىز. بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى ئۇچىدىمۇ ياكى ئاستىدىمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا يۇقىرىنىڭ سىياسىتى ، ھۆججىتى، رەھبەرلەرنىڭ سۆزى ئەلرايىغا ئاساسەن بەلگىلىنەمدۇ ياكى كاللىسىغا كەلگىنى بويىچە بېكىتىلىپ شۇ بويىچە ھۆججەت چۈشۈرۈلۈپ، شۇ بويىچە سۆزلىنەمدىغاندۇ؟

     

    «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2009-يىللىق 4-(كېيىنكى يېرىم ئايلىق)سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: