• 2009-06-13

    ئالتۇن زەنجىر - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40930351.html

    ئالتۇن زەنجىر

    (ھېكايە)

    چېن گوشىڭ

    دەسلەپ ئۇ ئايال بىلەن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن يىغىلىشىدا تونۇشقان ئىدىم. بۇ چوكاننىڭ قامىتى ناھىيىتى كېلىشكەن بولۇپ، خۇددى ياش قىزلاردەكلا بەدىنىدە قىلچىلىك ئارتۇقچە سېمىزلىك يوق ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدىم. خېلى پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۇ مەندىن شەھەرلىك A ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ نى سورىدى. بەلكىم ئۇ چاغدا سەل كۆپ ئىچىۋالغان بولسام كېرەك، ھەمدە ئاياللار ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىمنى كوز-كوز قىلغۇم كەلدى بولغاي:

    - مەن ئۇنى تونۇيمەن، ئۇنىڭ بىلەن قەدىناسلاردىن،- دەپ جاۋاپ بەردىم.

    ئەمەلىيەتتە ياڭ ئىدارە باشلىقىنى تونۇيدىغانلىقىم راست. مەن شەھەردىكى باشقا بىر ئىدارىدا بۆلۈم باشلىقى بولغاچ A ئىدارە بىلەن ئازدۇر-كۆپتۇر ئالاقە قىلىپ تۇراتتىم،شۇڭا ئۇنى تونۇيتىم، ئەمما ياڭ ئىدارە باشلىقى مېنى تونۇمدۇ-تونۇمامدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيتىم. بىلىشىڭىز كېرەككى ئەمەلدار دېگەن يۇقۇرىغىلا دىققەت قىلىدىغان خەق، ئۆزىدىن تۆۋەنلەرگە دىققەت قىلمايدۇ. بۇ تەرىپىنى ئۇ ئايال چۈشىنەتتىمۇ؟ شۇ كۈنىدىن ئېتىۋارەن ئۇ ئايال ماڭا بەك يېقىنچىلىق قىلىدىغان بولدى.

    ئۇ ئايال شەھەرگە قاراشلىق نەچچە ئون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ناھىيىدىن ئىكەن، ئۇ مېنى ناھىيىگە بېرىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلاتتى، بەزىدە بىز بىرگە قېيىق سەيلىسىمۇ قىلاتتۇق. ئۇ چاغلاردا ياشلىقىمغا قايتقاندەك بولۇپ قالاتتىم، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئايالدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدىغان دەرىجىگە يەتتىم. ئەمەلىيەتتە مۇنداق بولسا ياخىشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنىمەن، چۈنكى مەن ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىممۇ خېلى كېلىشكەن، پەزىلەتلىك ئايال ئىدى. شۇغىنىسى مەن ئەرلەرنىڭ يېڭىسىنى كۆرسە كونىسىدىن چانىدىغان خۇسۇسىيىتىدىن مۇستەسنا بولالمىدىم. شۇڭا ئۇ چاغلاردا ئۇ چوكان مېنىڭ ئەس ھۇشۇمنى ئالغان بولۇپ، پۈتۈن خىيالىم پەقەت شۇنىڭدىلا ئىدى.

    دەرۋەقە بىر كۈنى  ئۇ تېلېفون قىلپ ئۆيىگە چاقىردى. ئۇ ئادەمنى ناھىيىتى مەپتۇن قىلغۇدەك كىيىنىۋالغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا باغرىمغا ئۆزىنى ئاتتى. مەن ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئۇنى سۆيۈشكە باشلىدىم، قوللىرىم ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىچى كىيىملىرى ئىچىگە سوزۇلۇشقا باشلىغاندا  ئۇ قولۇمنى تۇتۇۋالدى-دە:

    _ ماڭا ياردەم قىلالارسىزمۇ؟ _ دەپ سورىدى. مېنىڭ نەپىسىمتاقىلداپ كەتكەچكە ئۇنىڭغا:

    _ دەڭە، قولۇمدىن كەلسىلا ياردىمىمنى ئايىمايمەن،_ دېدىم. ئۇنىڭ ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى، ئۇ:

    _ مەن سىزنى خاتا سۆيمەپتىمەن، سىز ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن دوست بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دەپ باقسىڭىز، مېنىڭ شەھەرلىك A ئىدارىغا ئالماشقۇم بار ئىدى،_ دېدى. مەن دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمىدىم.

    بۇ ئايال ناھىيىلىك A ئىدارىدا ئىشلەيتى، شەھەرلىك A ئىدارىغا يۆتكىلىش ئىشى ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا ھەل بولاتتى. ئەمما ئۇ مېنڭ ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن دوست ئەمەسلىكىمنى نەدىن بىلسۇن ؟ بۇ ئەھۋالدا مەن قانداقمۇ رەت قىلالايمەن؟ شۇنىڭ بىلەن:

    _ قېنى مەن سىناپ باقاي ،_ دېدىم.

    مەن سىناپ باقاي دېگىنىم بىلەن، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى ماڭماي ئىلاج يوق ئىدى.

    مەن ياڭ ئىدارە باشلىقىنى تونۇيدىغانلىقىمغا ئاساسلىنىپلا ئۇدۇللا بېرىپ ئىزدىسەم بولمايتى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ مال-دۇنياغا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بىلۋالدىم-دە، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئوغۇرلىقچە يىغقان 6000يۈەن پۇلۇمغا بىر دانە ئالماس كۆزلۈك ئاق ئالتۇن زەنجىردىن بىر سېتىۋېلىپ ئۆيىگە باردىم. ھەر ھالدا ئۇ مېنى تونۇيدىكەن، ماڭا خېلى ئىللىق مۇئامىلدە بولدى. ئىدارە باشلىقى دېگەن ئىدارە باشلىقىدە، مېنىڭ ئۇنىڭغا بىرەر ئىش توغرىسدا تېۋىنىپ كەلگىنىمنىمۇ بىلىۋالدى.

    _ قېنى دەڭە، مېنىڭ قانداق ياردىمىم كېرەك؟_ دەپ سورىدى ئۇ.

     مەن دۇدۇقلاپ يۈرۈپ ھېلىقى چوكاننىڭ شەھەرلىك ئىدارىغا يۆتكەلمەكچى ئىكەنلىكىنى ئاران دېيەلىدىم ھەمدە ئالتۇن زەنجىر سېلىنغان نەپىس قۇتىنى ئۇنىڭ تارتمىسىغا سېلىپ قويدۇم، ئەلۋەتتە ئۇ ئايالنىڭ يۆتكىلىش باھانىلىرىنىمۇ دېيىشكە ئۈلگۈردۈم. ياڭ ئىدارە باشلىقى مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاۋېتىپ باشتىن ئاخىر مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپلا تۇردى، ئۇ:

    _ ئۇ خوتۇن سىزنىڭ نېمىڭىزتى؟ _ دەپ سورىدى، مەن مۇجىمەل قىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ:

    _ دوستۇم ئىدى،- دېدىم. 

    ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ كېلىپ ئۆزۈم خېلى يەڭگىلەپ قالغاندەك بولدۇم. ياڭ ئىدارە باشلىقى گەرچە ئېنىق جاۋاپ بەرمىگەن بولسىمۇ، زەنجىرنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇ چوكاننىڭ يوتكىلىشىدىن ئۈمىد خېلى چوڭ ئىدى.

    ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بۇ زەنجىر ئايالىمنىڭ بوينىدا پەيدا بولۇپ قالدى. دەسلەپتە خاتا كۆرۈپ قالدىممىكىن دېگەن ئىدىم، كېيىن ھەقىقەتەن شۇ زەنجىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىمدىن كېيىن ھۇشۇمدىن كەتكىلى تاس قالدىم. تەجىرىبەمدىن قارىغاندا ئايالىمنىڭ ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن مۇۇناسىۋىتى باردەك قىلاتتى، ماڭا ھەممدىن بەكرەك ئەلەم قىلغىنى  ئۇ  زەنجىرنى باھاسىنى چۈشۈرۈپتىكەن، شۇڭا سېتىۋالدىم ، دېگەندە ئۇنىڭ ھەقىقىي سىرىنى ئاشكارىلىيالمىغىنىم بولدى.

    شۇ كۈنى كېچىچە كارىۋاتتا ئۇيان ئۆرۈلۈپ بۇيان ئۆرۈلۈپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم، ئايالىممۇ ئۇخلىيالمىدى. ئاخىردا مەن يەنىلا كەسكىن قارارغا كەلدىم. ئايالىمنىڭ ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارغا يول قويماسلىقىم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسىلا ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ زەنجىرنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم.

    ناھىيىتى تەستە تاڭ ئېتىپ ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولدى، مەن ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىغا بېرىپ مەقسىدىمنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئۇ ماڭا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ:

    - سەندەك ئىش بېجىرىدىغان ئادەممۇ بولىدىكەن-ھە، - دەپ قاتتىق تىللىدى.

    ئۇ تىللىسا تىللاۋەرسۇن، مەن بەرىبىر زەنجىرىمنى قايتۇرۇۋالدىم. ئەلۋەتتە، ئايالىمنىڭ بوينىدىكى زەنجىر يوق بولدى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇنىڭ بوينىغا ئۇ زەنجىردىنمۇ قىممەت زەنجىر ئېسىلدى، بۇنى مەن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردىم.

    ھېلىقى ئايالنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بەرمىگەندىن كېيىن ئۇ مېنى ئانچە ئىزدىمەيدىغان بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئايالغا نىسبەتەن مەندىمۇ ھېچقانداق ھېسسىيات قالمىدى.

    مەن ئايالىمنىڭ ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن يەنە ياخشى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئۇنىڭغا قاراتتىم. بىر كۈنى ئايالىم ماڭا:

    _ بىلەمسىز، سىزگە بولغان مۇھەببىتىمدىن ۋاز كەچكىلى تاسلا قالغانىدىم،- دېدى.

    ئەسلىدە، ئايالىم ياڭ ئىدارە باشلىقى بىلەن بىر سورۇندا تونۇشۇپ قالغانىكەن، ئۇ كۈنى ياڭ ئىدارە باشلىقى ھەممە ئاياللارنىڭ بوينىدا زەنجىر بارلىقىنى پەقەت مېنىڭ ئايالىمنىڭلا يوقلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن:

    -         سىز نېمىشقا زەنجىر ئاسمايسىز؟- دەپ سوراپتۇ. ئايالىم كۈلۈپ تۇرۇپ:

    -      مېنىڭ زەنجىرىم يوق،- دەپتۇ. ياڭ ئىدارە باشلىقى:

    -      كېلەر قېتىملىق يىغىلىشتا مەن سىزگە بىر تال زەنجىر سوۋغا قىلاي، - دەپتۇ. ئايالىم ياڭ ئىدارە باشلىقىنى شۇنداقلا دەپ قويدى، دەپ يۈرۈپتۇ. ئەمما كىم بىلسۇن، بىر كۈنى ئۇ ئايالىمغا تۇيۇقسىزتېلېفون قىلىپ:

    -      بىر يىغىندا ئالتۇن زەنجىر تارقىتىپتىكەن، سىزگە سوۋغا قىلاي، كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ، –دەپتۇ. ئايالىم ئىككىلىنىپ قاپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەكلا ئالتۇن زەنجىر ئاسقۇسى بار ئىدى. مۇندىن بۇرۇن مەن دائىم ھەرخىل باھانىلارنى كۆرسىتىپ زەنجىر ئېلىپ بەرمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مەزگىللەردە مېنىڭ ئەس-يادىم ھېلىقى ئايالدا بولغاچقا، ئايالىممۇ ئازراق سەزگەن گەپ، شۇڭا ياڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ زەنجىرىنى قوبۇل قىپتۇ. ھەر ھالدا مەن ئىككىنچى كۈنىلا ياڭ ئىدارە باشلىقىغا بېسىم قىلىپ ئۇ زەنجىرنى قايتۇرۇۋالدىم. ئۇ ئايالىمغا :

    - يۇقىرىدىن يىغىندا قالايمىقان تارقىتىلغان بۇيۇملارنى تەكشۈرىدىكەن، زەنجىرنى ھازىرچە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز، مەن كېيىنچە يەنە بىرنى سوۋغا قىلاي،- دەپتۇ. مېنىڭ ئىككىنچى پۇرسەت بەرمەيدىغانلىقىمنى ئۇ نەدىن بىلسۇن. بۇ ئىش سادىر بولغىنى ئۇزۇن بولدى، ھەر قېتىم ئېسىمگە كەلسىلا ناھىيىتى قورقۇنچ ھېس قىلىمەن، چۈنكى ئەرلەر ئاياللارغا ياخشىلىق قىلغان بىلەن كېيىنكى قەدەمدە چوقۇم تېخىمۇ زور بەدەل تەلەپ قىلىدۇ. بەزىدە مەن يەنە مۇنداق بىر مەسىلىنى ئويلاپ قالىمەن: ئەرلەر باشقا ئاياللارغا كۆز تىكىپ يۈرگەندە، ئۆزىنىڭ ئايالىغىمۇ باشقا ئەرلەر كۆز تىكىپ يۈرگەن بولۇشى مۈمكىن.

     

    «مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىللىق 3-سانىدىن

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    «شىنجاڭ ئاياللىرى» 2006-يىللىق 7-سانىدا ئېلان قىلىنغان 

     

     

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: