• 2009-06-13

    ئادەملىك گۇۋاھنامىسى - [ھېكايە]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40930069.html

    ئادەملىك گۇۋاھنامىسى

    (ھېكايە)

    يۈچىڭ

    پويىز كېتىپ باراتتى. چىرايلىققىنە كەلگەن ئايال پويىز خادىمى ئىشلەمچى سىياقىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئەرگە قادالغىنىچە ئۈنلۈك ئاۋازدا:

    -بېلىتىڭىزنى چىقىرىڭ، كۆرۈپ باقاي، - دېدى.

    ئوتتۇرا ياشلىۇق ئەر يېنىنى بىرھازا ئاختۇرۇپ ئاران دېگەندە بېلەتنى تاپتى. ئەمما ئۇ بېلەتنى پويىز خادىمىغا بەرگۈسى كەلمىگەندەك قولىدا چىڭ سىقىمداپ تۇردى. پويىز خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى بېلەتكە بىر قۇر قارىۋېتىپ:

    - بۇ ئۆسمۈرلەر بېلىتىكەنغۇ؟ - دېدى.

    ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ھۈپپىدە قىزاردى ۋە دۇدۇقلىغىنىچە:

    - ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسى ئوخشاشكەنغۇ؟ - دېدى.

    ئۆسمۈرلەر بېلىتى بىلەن مېيىپلار بېلىتىنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى پويىز خادىمى ئەلۋەتتە بىلەتتى. ئۇ ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

    - سىز مېيىپمۇ؟ - دەپ سورىدى.

    - شۇنداق، مەن مېيىپ.

    - مېيىپلىق كېنىشكىڭىزنى چىقىرىڭ.

    - مېنىڭ ... مېنىڭ مېيىپلىق كېنىشكام يوق. بېلەت ئالىدىغان چاغدا مېيىپلىق كېنىشكامنى سورىغان، مەن ئامالسىز ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانتىم.

    پويىز خادىمى سوغۇق كۈلدىدە:

    - مېيىپلىق كېنىشكىڭىز بولمىسا سىزنى قانداقمۇ مېيىپ دېگىلى بولسۇن؟ - دېدى.

    ئوتتۇرا ياشلىق كىشى گەپ قىلمايلا ئاستا ئايىغىنى سالدى-دە، ئىشتىنىنىڭ پۇشقىقىنى تۈرىۋەتتى. ئۇنىڭ پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئىدى. پويىز خادىمى سىڭايان بولۇپ ئۇنىڭ پۇتىغا قارىۋەتكەندىن كېيىن:

    - مەن مېيىپلىق كېنىشكىسىنى تونۇيمەن،ئۈستىدە <مېيىپلىق گۇۋاھنامىسى> دېگەن خېتى بار، مېيىپلار بىرلەشمىسىنىڭ تامغىسى بېسىلغان كېنىشكىنى دەۋاتىمەن! - دېدى.

    ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يىغلامسىرىغىنىچە چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى:

    - مېنىڭ نوپۇسۇم بۇ جايدا بولمىغاچقا مېيىپلار بىرلەشمىسى كېنىشكا بېجىرىپ بەرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگەمەن شەخسىينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغان، خوجايىن قېچىپ كەتتى، دوختۇرخانىدا مېيىپلىقىمنى باھالىتىدىغانغا پۇلۇم يوق، شۇڭا ...

    ئاڭغىچە پويىز باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى ئىشتىن خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەلدى-دە، ئىشنىڭ جەريانىنى سۈرۈشتۈردى. ئوتتۇرا ياشلىق كىشى پويىز باش؛ىقىغا ئۆزىنىڭ مېيىپلىقىنى، مېيىپلار بېلىتى بىلەن ئوخشاش باھادىكى ئۆسمۈرلەر بېلىتى ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈردى. پويىز باشلىقىمۇ:

    - ئۇنداقتا مېيىپلىق كېنىشكىڭىز قېنى؟- دېدى.

    - مېيىپلىق كېنىشكام يوق، - ئۇ شۇنداق دېگەچ ئايىغىنى سېلىپ پويىز باشلىقىغا پۇتىنى كۆرسەتتى. پويىز باشلىقى ئۇنىڭ پۇتىغا قاراپمۇ قويماي تاقىتى تاق بولغان ھالدا:

    - بىز پەقەت مېيىپلىق كېنىشكىسىنىلا ئېتىراپ قىلىمىز، كېنىشكىڭىز بولمىغاندىن كېيىن مېيىپلىق تەمىناتىدىن بەھرىمان بولالمايسىز، دەرھال بېلەت تولۇقلاڭ، - دېدى.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوتتۇرا ياشلىق كىشى سالپىيىپ كەتتى. ئۇ ھەممە يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ ئاران بىر نەچچە يۈەن تاپتى. بۇ پۇل بېلەت تولۇقلاشقا يەتمەيتتى. ئۇ يىغلامسىراپ تۇرۇپ پويىز باشلىقىغا:

    - پۇت ئالقىنىمنىڭ يېرىمىنى ماشىنا چاينىۋەتكەچكە ئىشلىيەلمىدىم. شۇڭا پۇلۇم يوق ئۆيگىمۇ قايتالمىغان ئىدىم، بۇ يېرىم باھالىق بېلەتنىمۇ يۇرتداشلار يىغىش قىلىپ ئېلىپ بەرگەن. ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، ئىلتىپات قىلسىڭىز، - دېدى.

    پويىز باشلىقى قەتئىيلىك بىلەن:

    - بولمايدۇ، - دېدى.

    بۇ چاغدا ئايال پويىز خادىمى پويىز باشلىقىغا:

    - ئۇ ئاۋۇ پاراۋۇزغا بېرىپ كۆمۈر تاشلىسۇن، خالىس ئەمگەك قىلغان بولار، - دېدى.

    ئوتتۇرا ياشلىق كىشىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان بىر بوۋاي بۇ ئەھۋالغا چىداپ تۇرالماي ئورنىدىن تۇردى-دە، پويىز باشلىقىغا قادالغىنىچە:

    - سىز ئەركىشىمۇ؟-دېدى.

    - ئەلۋەتتە، مەن ئەر كىشى.

    - سىز ئەرلىكىڭىزنى نېمە بىلەن ئىسپاتلىيالايسىز؟ ئەرلىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىپ بېقىڭە؟

    ئەتراپتىكىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.

    پويىز باشلىقى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى-دە:

    -مەن چوپچوڭلا بىر ئەركەك تۇرمامدىم مانا، بۇ يالغانمىتىيا؟- دېدى.

    بوۋاي بېشىنى چايقاپ:

    - مەنمۇ سىزگە ئوخشاشلا گۇۋاھنامىنىلا تونۇيمەن، گۇۋاھنامىڭىز بولمىغاندىن كېيىن سىزمۇ ئەر كىشى ئەمەس.

    پويىز باشلىقى دەماللىققا بىر نېمە دېيەلمىدى. بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال پويىز خادىمى بوۋايغا:

    - مانا مەن ئەر كىشى ئەمەس، گېپىڭىز بولسا ماڭا دەڭ، - دېدى.

    بوۋاي ئۇنىڭغا قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ:

    - سىز ئەسلا ئادەم ئەمەس، - دېدى. پويىز خادىمى ئاچچىقىدا سەكرەپ كەتتى:

    - ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىپ گەپ قىلىڭ، مەن ئادەم بولماي نېمە ئەمىسە؟

    بوۋاي ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن:

    - ئادەم بولسىڭىز، ئادەملىك گۇۋاھنامىڭىزنى چىقىرىپ بېقىڭە ئەمىسە؟- دېدى.

    ئەتراپتىكىلەر يەنە كۈلۈشۈپ كەتتى. پەقەت بىرلا ئادەم كۈلمىدى. ئۇ ھېلىقى پۇت ئالقىنىنىڭ يېرىمى يوق ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەرگە بۇ ئىشلارغا قاراپ ئۇۋالچىلىقتىنمۇ، مىننەتدارلىقتىنمۇ ياكى نەپرەتتىنمۇ ئىشقىلىپ كۆزلىرى لىق ياشقا تولغان ئىدى.

    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    ئېلى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2006-يىل 8-ئاۇنىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: