• 2009-06-12

    يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى» - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40909738.html

    يېڭى «كادىرلار قوللانمىسى»

    (فېليەتون)

    چېن جاڭ

    يېقىنقى يىللاردىن بېرى كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىۋاتىدۇ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستىلنى رۇسلاش يۈزىسىدىن يېڭىدىن «كادىرلار قوللانمىسى» تۈزۈپ چىقىلدى، ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ شۇ بويىچە قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    1.    پارىنى قوبۇل قىلىپ ئاشكارە بولۇپ قالغاندا مەسئۇلىيەتنى خوتۇن، بالىلىرىغا دۆڭگەپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    2.    ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن قۇرۇلۇشتىن چاتاق چىققاندا خەۋەرلەرنى قامال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    3.    ئاۋمىنغا بېرىپ ئومۇمنىڭ پۇلىغا قىمار ئويناشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    4.    ساۋاتسىزلارنى، لۈكچەكلەرنى سوت مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    5.    ئۈچ ياشلىق بالىغا مائاشىنى ئالغۇزۇشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    6.    پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن «ئەمەل» لەرنى توپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    7.    ھەر تەرەپتىن ئاشلىق ئارىيەت ئېلىپ دۆۋىلەپ باش مىنىستىرنى ئالداشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    8.    ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ خىزمەت كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ قىزلارنى قورقۇتۇشقا، ئۇلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    9.    سىرتقا ئىشلەمچىلىككە چىقىپ چاغاندا ئۆيىگە قايتقان قىزلارنىڭ ھەممىسىنى قامىۋېلىپ، ئۇلارنى نومۇسىنى ساتقان دەپ ئىقرار قىلدۇرۇپ جەرىمانە ئېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    10.    يىغىن زالىغا ئوت كەتكەندە بالىلار ۋە ئاياللارنى ئاۋۋال قاچۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك، ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن قېچىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىمايدۇ.

    11.    نامراتلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگەندە سۈرەتكە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن گۈرۈچ، تېلېۋىزور قاتارلىق بۇيۇملارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    12.    دېھقانلار قالدۇرۇق پۇلنى تاپشۇرالمىغاندا ئادەم باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇشقا رۇخسەت قىلىمايدۇ.

    13.    ئۆزلىرى «كەنت پۇلى» ياساپ دېھقانلارنىڭ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    14.    ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋەتكەندە، دەرھال توختاپ ئادەم قۇتقۇزۇش كېرەك، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئادەمنى باسۇرغانچە مېڭىۋېرىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    15.    بالىلار «سۇ ئۈزەلمەيمەن» دېسە، ئۇلارنى كۆتۈرۈپ سۇغا تاشلىۋېتىپ تۇنجۇقتۇرۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    16.    قول ئاستىدىكى كادىرلارنىڭ خوتۇنىغا چېقىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    17.    قاتىل ياللاپ خىزمەتدېشى ياكى باشلىقنى ئۆلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    18.    گۇماندارلارنى تۇتقاندا چوقۇم قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك، ئۆز ئالدىغا ئېتىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

     

    «جۇڭخۇا فېليەتونلار تورى» دىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: