• 2009-06-13

    3000 يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/40930145.html

    3000  يىلدىن كېيىنكى ئىنسانلارغا خەت

    ېليەتون)

    ئەنلى

    مەن ئىنسانلارنىڭ 3000 يىلدىن كېيىنمۇ يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىن گۈمان قىلىمەن.ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى قىياس قىلىنغان مۇنداق بىر ئوبرازلىق سۆز بار:《ئىنسانلار ئاخىرى يەر شارىدىكى بارلىق سۇنى خورىتىپ تۈگىتىدۇ،قېپقالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ پەقەت ئۇلارنىڭ كۆز يېشى بوپ قالىدۇ، خالاس!》

    شۇنداق، ھازىرقى تەبىئەتكە ئاچكۆزلۈك بىلەن يۈرگۈزۈلىۋاتقان تالان-تاراجلار، ئەسەبىلەرچە بۇزغۇنچىلىق سۈرىتى ۋە”يادرو قوراللىىرغا ئىنتىلىۋاتقان، ئىگە بولۇۋاتقان دۆۋلەت ۋە تەشكىلات “ لارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىشىدەك ئەھۋاللارغا قاراپ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنداق ھۆكۈم چىقىرشقا مەجبۇرمىزكى، ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

    ئەمما ھەرقانداق مۆجىزە  يۈز بېرىشى ئېھتىماكغا ناھىيىتى يېقىن. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ قەيسىرانە ياشاش ئىرادىسىگە تاينىپ 3000  يىلدىن كېيىنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۈمكىن. ئۇنداقتا، سىلەردىن 3000 يىل مۇقەددەم يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئادەم بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرگە نېمە دېيىشىم كېرەك؟ ئالدى بىلەن،ئۆزۈم ياشىغان دەۋىردىكى ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن سىلەرگە گۇناھىمنى ئىقرار قىلماقچىمەن. ئىشىنمەنكى سىلەر بىزنى توختىماي تىللاۋاتىسىلەر، قاغاۋاتىسىلەر، بىزگگ لەنەت ئوقۇۋاتىسىلەر. بىز بۇ دەۋىر ئىنسانلىرى ئەجدادلارغا نىسبەتەن《ۋاپاسىز ئەۋلات》، سىلەرگە نىسبەتەن 《ۋاپاسىز ئەجداد》لارمىز.سىلەر بىزگە قانچە لەنەت-نەپرەت ئوقۇساڭلارمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. بىز يەرشارىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى كەڭ كۆلەمدە بۇزۇۋەتتۇق؛ ئېتىز-ئېرىقلارنى بارا-بارا قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ بۈك باراقسان چوققىلارنى ۋاقىتسىز تاقىر تاغلارغا ئايلاندۇرىۋەتتۇق؛ ھاۋاغا زەھەرلىك ماددىلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، كۆپ-كۆك ئاسماننى ئىس-تۈتەكلەر بىلەن قاپلىۋەتتۇق؛ سۈپسۈزۈك دەريا-ئېقىنلارنى گويا يارا ئېغىزىدىن چىققان يىرىڭلارغا ئوخشىتىپ قويدۇق؛ يەر شارىنىڭ ھەر بىر  بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىدىكى نېفىت، كۆمۈر ۋە بارلىق كېرەكلىك ئېنىرگىيە زاپىسىنى قىلچە تىزگىنسىزقىدىرىپ قېزىپ تۈگەتتۇق؛ ئەۋلاتلارغا تەئەللۇق بولغان بارلىق بايلىقلارنى ئىشلىتىۋالدۇق ۋە بۇزبۇپ چاچتۇق؛ بىز ۋەھشىلەرچە قىرغىنچىلىق قىلىپ، ھەمراھىمىز بولغان ھايۋانلارنى يوقىلىش گىردابىغا ئېلىپ باردۇق، ئۇلارنى داستىخنىمىزدىكى مەزىلىك تائاملارغا ئايلاندۇرۇپ يەپ تۈگەتتۇق. بىز ھايۋانلارنى ئوۋلاش بىلەن بىرگە ئادەملەر ئارىسىغىمۇ ھەر خىل ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ،  ئۆزىمىزگە يات ئىرق، يات  دىن، تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى قىردۇق؛ ھەتتا ئوخشاشمىغان كۆز قاراشتىكىلەرنىمۇ بوش قويمىدۇق، كاللىلار يەردە دومىلاپ، قان دەريا بولۇپ ئاقتى،ئەگەر سىلەر ئىنسانىيەت تارىخىدىن ھېساپ ئالماقچى بولساڭلار، بىز تارىخ جاۋاپكارلىقى سەھنىسىدىكى باش جىنايەتچىلەردۇرمىز. بىز گۇناھىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلىمىز، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئەيىپلەش، تۆۋە قىلىشتىن باشقا نېمىمۇ قىلالايتۇق؟!  قوي يۈتكەندىن كېيىن قوتان ئوڭشىغاننىڭ پايدىسى يوق، ئەلبەتتە. ئەگەر بىزنى سىلەرگە كېرەكلىك دەپ قارىغاندىمۇ ، بىز پەقەت سىلەرگە سەلبىي دەرسلىكلا بولالايمىز، خالاس! مەن سىلەرنىڭ قانداق ئىجتىمائىي فورماتسىيىدە ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەگەر سىلەر دېموكىراتىيىلىك، مەدەنىيەتلىكدۇنيادا ئەركىن نە ھاۋادىن پەسلىنىپ، مېھرى-شەپقەتكە چۆمۈلۈپ ياشاۋاتقان بولساڭلار، ئەجدادىڭلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ،ئۇلارنى ئەسلەپ تۇرغايسىلەر، سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئەجدادلىرىڭلار مۇستەبىت كۈچلەر بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا ئالدىنقىسى يىقىلسا، كېيىنكىسى ئىز بېسىپ، ھاياتىنى بەدەل قىلغان. ئۇلارنىڭ قېنى شەپەقنى قىزارتقان. ئەگەر سىلەر چېقىمچىلار ۋە مەخپىي تىڭشىغۇچ ئەۋج ئالغان دەۋىردە ياشاۋاتقان بولساڭلار، سىلەرنىڭ بوشىشىپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، ھوقۇق-مەنپەئەتىڭلارنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا زوراۋانلىق بىلەن باتۇرلارچە ئاداققىچە كۆرەش قىلغايسىلەر. سىلەر بىزنىڭ دەۋىردە ياڭرىغان《بارلىق ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قەغەز يولۋاس》 دېگەن شوئارنى ئېسىڭلاردا مەھكەم تۇتۇڭلار. سىلەر مېنىڭ بۇ خېتىمنى كۆرگەندە مەن ئاللىبۇرۇن پاسىق سۆڭەككە ئايلىنىپ بولغان بولىمەن، شۇنداقتىمۇ سىلەرنىڭ بەختلىك سالامەت بولىشىڭلارنى تىلەيمەن.

     «فېليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»2005-يىللىق 7-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    《جۇڭگو مىللەتلىرى》نىڭ 2005-يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: