• 2009-06-15

    بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى - [فېليەتون]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41061688.html

    بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى
    )
    فېليەتون(

    مايالى

    دېھقان: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە ئىنتايىن قىممەت ئۇقۇش پۇلىنى نەدىن تېپىشنى بىلمىسەممۇ ئوغلۇم داڭلىق ئۇنۋېرىستېتقا ئۆتتى.

    ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە «نىكاھدىن ئاجرىشىش» نى بەدەل قىلغان بولساممۇ، قايتىدىن ئىش ئورنۇمغا چىقىپ 400 نەچچە يۈەن مائاش ئالدىم.

    دېھقان ئىشلەمچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە بىنادىن سەكرەپ ھاياتىمنى قۇربان قىلىشقا تاس قالغان بولساممۇ، ھەر ھالدا قەرز قالغان ئىش ھەققىمنى ئالالىدىم.

    بىمار: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە 120 كۈن بالنىتسىدا يېتىپ 1مىليون 200 نەچچە مىڭ يۈەن چىقىم قىلىپ، ئارتېرىيەمدىن كۈنىگە 15 قېتىم، ۋىنادىن كۈنىگە 11 قېتىم قان ئېلىش خاتىرىسى قالدۇرۇلغان، بىر كۈندە 15 قېتىم جىددى قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ ئاخىرى بالنىتسىدىن چىقىپ ئۆيگە قايتتىم.

    ھوقۇق تاما قىلغۇچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە شۇنچە كۆپ پۇلنى چىقىم قىلىپ نەچچىلىگەن ئىشىكلەرگە دوقۇرغان بولساممۇ، ئاخىرى شۇنچە ئۇزۇن تەقەززا قىلغان ئورۇن ئاخىرى قولغا كەلدى.

    ئەرز قىلغۇچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە 10 نەچچە يىل ئەرز قىلىپ، نۇرغۇن قان تەرىمنى تۆككەن ، نۇرغۇن خورلۇققا ئۇچرىغان بولساممۇ بۈگۈن ئاخىرى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتىم.

    يول بويىدىكى چەرچىنچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە شەھەر نازارەت خادىملىرىنى كۆرۈپ قاچقىچە ئايىغىم چۈشۈپ قالغان، پۇتۇمغا مىق كىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا ماللىرىمنى تارتقۇزۇپ قويمىدىم.

    ئوغرى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە نۇرغۇن كىشى مېنىڭ پورتمال ئوغۇرلىغىنىمنى كۆرۈپ قالغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېساپتا ئولجا ھەقىقەتەن چوڭ بولدى.

    كۆمۈر قۇدۇقى ئىشلەمچىسى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە پۇت-قولۇم سۇنۇپ ناكا بولغان بولساممۇ
    ھەرھالدا قۇتقۇزۇۋېلىندىم، ئاخىرقى ھېساپتا كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ ۋە خوتۇن-بالىلىرىمنى كۆرەلەيدىغان بولدۇم.

    ئوقۇتقۇچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە ئۆگىنىشتە ناچار بۇ بالىنى بۇرۇن ياقتۇرمىساممۇ، ئۇنىڭ دادىسى شۇنچە قىيىنغا توختىغان
    ئىشنى ئاسانلا بېجىرىپ بەردى.

    تاكسى شوپۇرى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە كۈندىكىدەك قاتناش ساقچىسىنى كۆرگەندە يۈرەكئالدىلىق بىلەن خۇددى مۈشۈكنى كۆرگەن چاشقاندەك قېچىپ يۈرگەن بولساممۇ، ھەر ھالدا بۈگۈن جەرىمانە تۆلىمىدم ھەم نۇمۇرۇممۇ يىرتىلمىدى.

    تىلەمچى: بۈگۈن خەيرلىك كۈن بولدى، گەرچە يەڭ بەلگىسى تاقىغانلار ۋە كۆك قاسقان شەپكىلكلەردىن شەھەر مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزدۈڭ، دەپ نەچچە رەت تىل ئاڭلىغان بولساممۇ، ھەر ھالدا بىرەيلەن كۇرۇشكامغا 10 يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تاشلاپ بەردى.

    «فېليەتونلار ئايلىق ژورنىلى» 2006-يىل 3-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»2006-يىلى 4-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان

     


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: