• 2009-06-15

    ئورخان پامۇك ۋە تۈركىيىگە قارشى نەزەرىيە-- داۋامى - [زىيارەت ۋە سۆھبەىت]

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/41062613.html

     تۈركىيىدە ياۋروپا قارىشى بەك كۈچلۈكمۇ؟

    پاموك: يېقىدىن بېرى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەت باشلىنىپتۇ، دېگەن خەۋەر تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدى. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇنداق تەسۋىرلىشىم مۇمكىن: گەرچە سىياسىي تار دائىرىلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئالغا بېسىشقا تەييارلىنپ بولدى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتتى، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە سۆز ئەركىنلىكى زور قەدەمدە ئالغا باستى. مانا مۇشۇلاردىنلا ياۋروپا كۆز قارىشىنىڭ قانچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

    ئەگەر تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇپ كىرسە ئۇنىڭ خاراكتىرىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىشى مۇمكىن؟

    پاموك: ئەلۋەتتە بىز تۈركىيىلىكلەرمۇ ياۋروپا قىسمەن ئالاھىدىلىكىن يوقاتقانغا ئوخشاشلا قىسمەن ئالاھىدىلىكىمىزنى يوقىتىشىمىز مۇمكىن. ئۇ چاغدا ياۋروپامۇ باشقىچە بولىدۇ. تۈركىيىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېلىش بولسا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئۇلۇغۋار ھەم مۈشكۈل سىياسىي سىناقتۇر. ياۋروپامۇ كۈچلۈك، كۆپ دىن مەۋجۇت بولغان بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىدۇ. ياۋروپاغا 70مىليون تۈركىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۈچى قوشۇلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خەتەرسىز ئىش، چۈنكى تۈركىيىلىكلەرمۇ تىنچلىققا تەلپۈنىدۇ، ئۇلار ياۋروپالىقلارغا ئايلىنىشقا تەييارلىنىپ بولدى.

    ئۆزىڭىزنىڭ تۈركىيىلىك بولغانلىقىڭىزدىن پەخرلىنەمسىز؟

    پاموك: ئەلۋەتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ تۈركىيىلىك بولغانلىقىمدىن، تۈرك تىلى بىلەن تۈركىيىنى يازالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن، شۇنداقلا مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ 40 نەچچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىنمۇ پەخىرلىنىمەن. ئەمما ئەسەرلىرمنى تىياتىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىياسىيلاشتۇرۇۋېتىلىشىنى خالىمايمەن.

    بۇ قېتىمقى تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئالغاندا نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

    پاموك: روماندىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ياۋروپاغا باھا بەرمەكچىمەن.  

    «تەرجىمىلەر» ژۇرنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


    收藏到:Del.icio.us




    نەقىل مەنزىلى: