ئاۋات يازمىلار
- مويەن مۇنداق دەيدۇ
- تەقۋالىق ۋە ئاجىزلىق
- ئۇيغۇرچە-تۈركچە رومان تەرجىمىسى ھەققىدە
- «قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى
- ئورخان پامۇك ۋە مويەن
- شاھ بىلەن مالاي
- ئادەم بولماق تەس
- رومان ئوقۇغاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
- 37 يىلدا بىلگەن 37 ئىش
- جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟
- ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)
- سوغۇق شامال (ھېكايە)
- ماقالە - دىكى يازمىلار
-
-
تەقۋالىق ۋە ئاجىزلىق
2016-07-29admin158لىباس(كىيىم) ئىچىدە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ خەيرلىك بولغىنى تەقۋالىق كىيىمىدۇر. بۇ كىيىمنى كىيگەن كىشى ئىمانىنى، ئەخلاقىنى، ئىپپەت-نومۇسىنى، غۇرۇرىنى ساقلاپ ياشىيالايدۇ. خاراكتېرىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تەقۋالىق كىيىمىنى سېلىپ تاشلىماسىلىقىمىز كېرەك. شەيتاننىڭ كۈلكىسى ھاياسىزلىقنى چىللايدۇ. ھەزەر ئەيلەش لازىم. ئىبادەت بىر نېمەتتۇر، ئەمما بۇنى ھېس قىلىشقا سەۋر، تەقۋالىق كەملىك قىلماقتا. بىر ئاي روز... -
ئۇيغۇرچە-تۈركچە رومان تەرجىمىسى ھەققىدە
2016-07-01admin7512015-يىل تۇركىيەنىڭ نىغدە ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر يىل تۈرك ئەدەبىياتى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلىش داۋامىدا ئەدەبىياتىمىزغا ئاكادېمىك نەزەر ئاغدۇرۇش پۇرسىتى تۇغۇلدى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم جەدىدچىلىك ۋە دىيارىمىزدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ كەتكەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىدىغان پروفېسسوركەن، ماڭا بۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتاتۈركچەڭنى تەرەققىي قىلدۇر دەپ ئېغ... -
«قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى
2016-07-01admin417ئەسلىدە رەسسام بولاي دېگەن، يازغۇچى بولۇپ قالدىم. ئەمما بۇ ئىككى كەسىپ ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى، رەڭلەر ئاتا قىلغان تۇيغۇلارنى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىمەن. رەڭلەرنى ئاڭلاشنى، سۆز-جۈملىلەرنى كۆرۈشنى سىناپ بېقىۋاتىمەن. - ئورخان پامۇك ئورخان پامۇكنىڭ 200 نەچچە بەتلىك بۇ رومانىنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىغا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ۋەقەلىك 1980-يىللارنىڭ بېشىدىكى تۈركىيەدىن... -
ئورخان پامۇك ۋە مويەن
2016-07-01admin10732006-يىلى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، رومانلىرى تېز سۈرئەتتە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى ئاساسەن ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ شىدەن كىتابخانىسىدا ئورخان پامۇكنىڭ ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىت... -
شاھ بىلەن مالاي
2016-06-06admin1139بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ مالىيىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. مالايمۇ پادىشاھقا ئۆزىنى ئاتىغانىكەن، ھەتتا پادىشاھ ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار ئىكەن. دېمىسىمۇ مالاي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىپ، پادىشاھنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچىسىمۇ بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ: __ قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيتقىن، مەن سېنى رازى ... -
ئادەم بولماق تەس
2016-06-06admin398مەرھۇم شائىر روزا سايىت «دېھقان بولماق تەس» دەپ بىر شېئىر يېزىۋىدى، «موللام بولماق تەس»، «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەندەك تەقلىد شېئىرلار، ھەتتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئەپسانە شېئىرلار مەيدانغا كەلدى، بىرسى چىقىپ «ئادەم بولماق تەس» دېگەندەك شېئىر يازدىمۇ يوق، ئۇقمايمەن. ئەمما «ئالىم بولغىچە ئادەم بول»، «ئادەم بولماق ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئەڭ چوڭ ئۇنۋان» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. «ئادەم بولما... -
جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ؟
2015-09-02admin4800خېلى زامانلار بولدى، مەغلۇب بولغان تۇنجى مۇھەببەتتىن كېيىن جىنسىيەت ماڭا ھەقىقىي بىر تۇيغۇ، ۋاز كېچىلمەس بىر ئىستەك بولۇپ تۇيۇلۇشقا باشلىدى، 10 نەچچە يىللار ئۆتتى، مەۋھۇم قىزلار ئۈچۈن ئىلھام-تەپەككۇرۇمنى، ئىجادىيەت تەلقىنلىرىنى سۈرۈپ كەلدىم، جىمى ھاياجان ۋە ئويناق پىكىر ياشلىقنىڭ ھاسىلاتى بولۇپ ھاياتىمغا ئىز سالدى. خەلق ئۈچۈن، شۆھرەت ئۈچۈن ئەسەر يېزىش يوقلا گەپ، دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن. ئەرگە تېگىپ... -
ھېچكىم مۇنداق دەيدۇ
2015-08-07admin15001. ئاق چەككۈچى ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ساقچىلار بېيجىڭنىڭ داشىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى قورشاپ، ئاق ساتقۇچىلارنى تۇتۇۋاتقاندا ئەرتۈرك دېگەن مۇنۇ ئادەممۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن شۇ ئاشخانىغا سولىنىپ قالدى. ئەرتۈرك ”لەغمەن بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى، ”كاۋاپ بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى ئەتراپىغا ئەلەڭ-سەلەڭ قاراپ چاي قۇيۇۋاتقان، بىگۇناھ قارىلىنىپ تۈرمىدە نەچچە ئاي يېتىپ كەتكەن... -
يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى
2015-08-07admin916خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مويەن بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قاتتىق خۇشال بولغان ھەم قورققان. خۇشاللىقىنى چۈشەنمەك ئاسان، چۈنكى ئۇ 30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان ھۇجرىسىدىن چىقىپ، مېديا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلققە گەپ قىلىدىغان كاتتا شەخسكە، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھان بازارىدا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدىغان كۇزۇرىغا ئايلاندى. ... -
تىل دېگەن نەرسە
2015-08-07admin1275تىل دېگەن نەرسە بىز تىلنى ئىنسانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىسى دەپ كەلدۇق، ماھىيەتتە، تىلنىڭ ئۆزىلا بىر روھىي بايلىق، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن كەلگەن نېمەت، مەدەنىيەت خەزىنىسى، تەپەككۇر جۇلاسى، شۇنداقلا ئەقىل، پىكىر، ھېسسىيات بىلەن ھەر ئان ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان سەنئەت. تەپەككۇرىمىز تىل بىلەن زاھىردۇر، شۇ سەۋەب تىل ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە قادىردۇر. تىل− كۆز، قۇلاق دېگەندەك سەزگۈ ئەز... -
يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد
2015-08-07admin1156يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ، قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا جەملەيدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقتا ۋاقىت تەرتىپسىزلىشىدۇ، ئۆتمۈش بىل... -
شۆھرەت ئويۇنى
2015-08-07admin1153پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگەر تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش چىقىشى ۋە بۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. مەسىلىگە تو... -
ئەدەبىي تەرجىمە ماھىيەتتە ھەقىقىي تىل سەنئىتى
2015-08-07admin1098ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلىپ، ئىجادىيەت كوچىسىغا كىرگەندىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئىزچىل بەھىرلىنىپ كەلدىم، ئۇ ئەسەرلەردىن گويا ئەسلى ئىجادىي ئەسەرلەردەك ھۇزۇرلاندىم. بىلىشىمچە، بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئەدىب- شائىرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزلىرىگە خۇرۇچ توپلىغان. جۈملىدىن مەنمۇ ئىلگىرى چەت ئەل ۋە جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە... -
ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار
2015-08-07admin820كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدۇق. كېيىن ئويلساق، بۇ ئەدىپنىڭ ياشلارغا ئىشەن... -
ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
2015-08-07admin1503مەتبۇئاتلاردا ئانچە-مۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان ئىسمىم ئەنۋەر مۇھەممەد، كېيىن ھەج قىلغاندىن كېيىن ئۆزەمنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ ئاتاشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا ئاتا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاجى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىكەن، شۇنداقلا باشقا ئەنۋەر مۇھەممەد ئىسىملىك ئاپتورلاردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. تەخەللۇس قوللانمىغاندىكىن، بۇمۇ بولغىدەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما مەتبۇئاتلار بەزىدە ئەنۋەر مۇھەممەد، بەزىدە... -
«يېڭى ھايات»نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىكى
2015-08-07admin1819"يېڭى ھايات" ئاخىر نەشردىن چىقتى، ھاردۇقۇم چىقتى، دوستلاردىن تېلېفون كەلدى، بۈگۈن چەرچەندىن بىر بۇرادەر تېلېفون قىلىپتۇ، "مەن ئوقۇپ يېرىمىغا كەلدىم، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم، سىز قانداق تەرجىمە قىلغان؟" دەيدۇ، "مەنمۇ بېشىمنى قوچۇپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان، ئالدىرىماي قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز، بۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھامان ھېس قىلىسىز" دېدىم. بۇ كىتابنىڭ گېپى چىققىلى خېلى بولدى، نەشرگە سۇنغىلى ئىككى ي... -
بلوگ ئىشقى
2015-08-06admin1856جېكنىڭ تور خاتىرىسىدىن 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردا شەخسىي بلوگ قۇرۇش مودا بولدى دېگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكەن يىلى بىر زات ھېكىمنىڭ خالىس كۆڭلى، دىلكەشلىكى، غەمخورلۇقى بىلەن مېنىڭمۇ بىر بلوگىم بولغان، ئۇنى ئېچىپ گويا بويتاقلىقتا ئايرىم ئۆيۈم بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولغانىدىم، كىممۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم دۇنياسى، ئايرىم پائالىيەت سورۇنى، ئايرىم كارىۋىتى، ئايرىم يوتقىنى بولۇشىدىن ... -
«بىچارە ئۇيغۇر تىلى»
2015-02-26admin21072-ئاينىڭ 21-كۈنى ئانا تىل كۈنىمىش، بىر نەچچە يىل بولدى بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قالمىغانلار داۋاملىق ئانا تىلىم ئانامنىڭ تىلى دەپ بۇ كۈننى قۇتلاۋاتىدۇ. بۇمۇ دوپپا بايرىمىغا ئوخشاش مىللىي ئىپتىخار كۈنى بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. بۈگۈن قارىسام «داپيۈز»دە بىرەيلەن مۇشۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئابزاس گەپ قالدۇرۇپ قويۇپتۇ، ئوقۇپ ئىچىم سىقىلدى: بىچارە ئۇيغۇر تىلى، ھەي بىچارە ئۇيغۇر تىلى، سېنى چۇۋۇپ، ئۇۋاپ ت... -
مېنىڭ ئەدەبىيات قارىشىم
2015-02-05admin1152مەن ئىزچىل شۇنداق قاراپ كەلدىم: ئەدەبىيات ئەھلى ئەدىب ياكى ئوبزۇرچى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئالدىنقىسى تالانتنىڭ قىستىشى بىلەن، كېيىنكىسى قىزىقىش بىلەن بۇ كوچىغا كىرگەن بولىدۇ. ئەدىب تۇغما ھېسسىياتچان، سەزگۈر، تەپەككۇرى غەلىتە، ئۇششاق ئىشنى جىق خىيال قىلىدىغان، كىچىك ئىشنى كۆپتۈرۈپ ئويلايدىغان، ئاددىي ئىشنى تەسەۋۋۇرى بىلەن يوغانتىپ ئالاھىدە(ۋەھىمىلىك ياكى ھاياجانلىق) قىلىۋېتىدىغان خاراكتېرگە ئىگە ... -
ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەۋەندازلىرى ئىدى
2014-01-01admin8492013-يىل ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن جۇدالىق بىر يىل بولدى، ئەسەرلىرىدە، تەرجىمىلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى يۇقىرى سەنئەت پەللىسىگە كۆتۈرگەن ئۈچ شەخس ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولدى. شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت «ئاھ، ئوسمانجان ئاكا، بۇ دۇنيادىن خوشلىشىش ئالدىدا يېنىڭدا بولالمىدۇق» دەپ نالە-پەرياد قىلسا، مۇھەممەد باغراشنىڭ زوقمەنلىرى ئۇنىڭ 80-يىللاردىكى ئاۋانگارت ئەسەرلىرىنى ياد ئېتىشىپ، «مەرھۇمنىڭ كېتىپ قېلىشى ئەدەبىياتىمىز ئ... -
40 ياشتا چەكتىم ئىزتىراپ
2013-12-31admin8462013-يىلنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدە ئالدىراپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن، نېمىشقىدۇر ئىچىمدە بىر ئىزتىراپ بار، ياش قىرىققا بېرىپ قالدى، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق، ئارزۇلار بىر-بىرىدىن يۈكسەك، يۈرەكنى بېسىپ تۇرۇپ، سۈكۈت ئىچىدە ئويلانغىنىمدا «قانائەت قىل» دەيمەن ئۆزۈمگە، ئەمما بىر دەمدىن كېيىن يەنە قانائەتسىزلىشىشكە باشلايمەن، مال-دۇنيا قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ئەمما ئېرىشەلمىگەندە ئاھ-ۋاھ دەپ كەتمىگۈلۈك، ر... -
كۆز پارقىراپ تۇرغان بىلەن...
2013-06-18admin666كۆز قەلبنىڭ ئەينىكى، گۈزەل قەلب كۆزدە ئەكس ئېتىدۇ، قەلب قاساۋەتلەشسە كۆزدىن ئىمان نۇرى، ئۈمىد نۇرى، شادلىق نۇرى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ. كۆز چىراينىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىسىدۇر، كۆزدە ئەكس ئەتكەن خاتىرجەملىك، خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىق چىراينى ئاپتاپتەك يورۇق قىلىدۇ؛ ئەمما بۇنداق پەيتلەر قىشنىڭ ئاپتىپىدەك تولىمۇ قىسقا بولىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ تۇنجى ئىشىكى كۆزدىن باشلىنىدۇ، كۆزلەر بىر-بىرىدىن يۈز تۇرانە س... -
ئۆگەنمەستىن ئىملانى، قانداق يازدىڭ ئىنشانى
2013-02-22admin621ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسى دەسلەپتە تۈزۈلگەندە مورفولوگىيىلىك تۈرلىنىشنى، يەنى سۆز يىلتىزىنى ئاساس قىلاتتى. ئەمما تىلىمىزدا ئا ئە تاۋۇشلىرىنىڭ تۈرلەنگەندە ئې ئى غا ئاجىزلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ھادىسە بولغاچقا نۇرغۇن سۆز-ئىبارىلەر بۇ قائىدىگە چۈشمىدى، مەسىلەن، ئاتا، ئانا، ئاچا، داپ، ئەمگەك، گەپ دېگەندەك نۇرغۇن سۆزلەر ئۈچىنچى شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلەنگەندە ئاتاسى، ئاناسى، ئاچاسى، داپى،...
-