ئەرتۈرك يانبىلوگى

ئەرتۈركنىڭ دىلبايانى
بۇ يانبىلوگ 2009-يىل 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بارلىققا كەلدى، ئىلقۇت (ياسىنجان مەتروزى) ئارقا سەپتىن قوغداپ كەلدى، تورداشلار «ئىزدىنىش»، «دىيارىم»دىن باشلاپ قوللاپ كەلدى، ئىجادىيەت قۇشلىرىم بەزىدە باھارنى باشلاپ كەلدى، تورداشلار بۇ باغچىنى ئارىلاپ تولا ماختاپ كەلدى، بەزىلەر جىنسىيەتنى يازىدۇ دەپ غەزەپ تىللاپ كەلدى، بەزىلەر شۇنىڭدىن باشقىنى يازالمايدۇ دەپ قاقشاپ كەلدى، پېقىرمۇ نادىر ئەسەر يېزىشنى دائىم ئويلاپ كەلدى، ئەمما ھورۇنلۇق ۋە غەپلەت ئىلكىدە ئويناپ كەلدى، بۇ كۈنلەر ئالدىراشلىقتا بىر-بىرىنى قوغلاپ كەلدى، بىلوگ بېسىمى بىر زات، جېكتىن باشقا مېنىمۇ قىستاپ كەلدى، تۈزۈك ئەسەر يازالماسلىق ئازابى ھەر ۋاق قىيناپ كەلدى، ئىلھام- تەپەككۇرۇم گاھ تېيىز، گاھ چوڭقۇرلۇقنى بويلاپ كەلدى، ئىجتىھات يوق، نەپسىم ئامال يوق دەپ داتلاپ كەلدى، ئىمان پاكلىقىنى بەزىدە نەپسانىيەت داغلاپ كەلدى، تىنماس روھىم تەن قەپىزىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ كەلدى، ئىرادەم يېزىش ئىستىكىدە چىڭ تۇرۇپ كەلدى. شۇ مۇھەببەت ئىجادىيەتنى گۈزەل قىلىپ كەلدى، ئىمانىم ھەم ئۇ گۈزەللىكنى چوڭ بىلىپ كەلدى. بىلىپ بىلمەي كېسەل ۋە قېرىلىقمۇ يوقلاپ كەلدى، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئەجەل بەلكىم ياسىنى ئوقلاپ كەلدى.
  • 1
  • 2
  • 3
  • 4
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى
دوستانە ئۇلىنىشلار

يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى

يازغۇچى مويەننىڭ خۇشاللىقى ۋە قورقۇنچى

ۋاقتى: 2015-08-07 ئاۋاتلىقى: 900 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مويەن بۇ يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، قاتتىق خۇشال بولغان ھەم قورققان. خۇشاللىقىنى چۈشەنمەك ئاسان، چۈنكى ئۇ 30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىنىڭ ھاردۇقىنى چىقاردى، مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان ھۇجرىسىدىن چىقىپ، مېديا ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەلققە گەپ قىلىدىغان كاتتا شەخسكە، جۇڭگولۇقلارنىڭ جاھان بازارىدا ئۆزىنى كۆرسىتەلەيدىغان كۇزۇرىغا ئايلاندى. ھازىرقى ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن قارىغاندا، ماختاش سادالىرى ئاساسىي ئېقىمدا. ئىش مۇشۇنداق كېتىۋەرسە مويەننىڭ خۇشاللىقىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدۇ. ئەمدى قورقۇشىغا كەلسەك، بۇنى چۈشەنمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ئۇ بۇ مۇكاپات نامزاتىدا بىرىنچى رەتكە تىزىلىپ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغاندا "سۇمرۇغ" تېلىۋىزىيىسىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن جاۋابىدا، ئادەتتە ئۆزىنى يارىماس دەپ ناھايىتى كەمسىتىدىغانلىقىنى، بېيجىڭغا بېرىپ قالسىمۇ تاكسى شوپۇرلىرىغا تاماكا سۇنۇپ ئاندىن پاراڭلىشىدىغانلىقىنى، بەك ماختىلىپ كەتسە باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشىدىغان ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ئۆزىنى بىچارە كۆرگەچكە، يېزىقچىلىق ئارقىلىقلا كۈچلۈك بولۇشقا ئىنتىلىدىكەن. رىئاللىقتا يوق ئالاھىدىلىكىنى ئەسەردىكى پىرسۇناژلىرىغا يۈكلەپ، شۇلار ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىدىكى ھاياتنىڭ كارتىنىسىنى سىزىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەقىقەتەن دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لېكىن تولىستوي، كاڧفكا قاتارلىق ئۇلۇغ يازغۇچىلارمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ ئادەم قايىل بولمايدىغانلىرى بار. شۇڭا بىز خۇددى مۇشۇ مۇكاپات ئۈچۈنلا ئەسەر يازىمىز دەپ ئويلاپ، بېسىم پەيدا قىلساق بولمايدۇ. مەن ئىلگىرى بۇ مۇكاپات ھەققىدە گەپ قىلىشتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپلا كەلدىم، چۈنكى، ئەگەر مەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن دېسەم، جۇڭگولۇق يازغۇچىلارنىڭ بۇ ئارزۇسى، بۇ سەۋدالىقى تۈگىمەيدۇ، دېيىشىدۇ؛ ئەگەر ئارزۇ قىلمايمەن دېسەم، يالغان گەپ قىلىۋاتىدۇ، ئۆزىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ، دېيىشىدۇ. شۇڭا مەن، بۇ مۇكاپاتقا كۆڭۈل بۆلىمەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى ئوقۇيمەن، دەپلا گەپنى تۈگىتىمەن.
مويەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋاڭ مېڭ، يۈخۇا، سۇتوڭ، ئالەي، مەيجيا قاتارلىق يازغۇچىلار، جو گوپىڭ، جى لىيەنخەي قاتارلىق ئوبزۇرچىلار تۇشمۇ تۇشتىن پىكىر بايان قىلىشتى. ۋاڭ مېڭ: مويەننىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېسە. ئالەي: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى زىيادە ئۇلۇغلاپ كېتىشكە بولمايدۇ، يەرلىك ئەدەبىيات ئىلھاملاندۇرۇشقا مۇھتاج، دەپتۇ. يۈخۇا بىلەن سوتۇڭ مىكرو بلوگىدا قىسقا گەپلەر بىلەن خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپتۇ. ئەمما گەپ باشقا، ئىش باشقا. بۇ مىللەتنىڭ خاراكتېرى، يازغۇچىلىرىنىڭ ئىستىلى، خۇي پەيلىنى ئوبدان بىلىدىغان مويەن شۇنچە ماختاشلارغا قارىماي، بۇ ماختاشلارنىڭ كەينىدىكى ھەسەت، غەيۋەت، تۆھمەتلەرنىمۇ ئاللىبۇرۇن پەملەپ، مىكرو بلوگىدا "مېنى كۆتۈرگەنلەرگىمۇ، تەنقىدلىگەنلەرگىمۇ رەھمەت" دېگەن گېپىنى ئۈزۈلدۈرمەي تەكرارلىدى. دەرۋەقە، بىرسى تېڭشۈن بلوگىدا مويەننى " نوبېل مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرگە ياخشىچاق بولغان، ئارقا ئىشىكتىن ماڭغان" دەپ سېسىتىشقىمۇ ئۈلگۈردى. شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ "چىدىساڭ ياشا" دېگەن شېئىرىدا، "شۆھرەتكە دائىما ھەسەت چاپلىشار" دېگەن مىسرالار بولىدىغان، مويەننىڭ ھازىرقى ھالىغا دەل چۈشىدۇ.
مويەن قانداق يازغۇچى؟ بىزنىڭ زۇنۇن قادىرغا، زوردۇن سابىرغا، ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش قاتتىق چېنىققان، ئېتىز-قىرلاردىن ئىلھام ئالغان يازغۇچى. ئاكىسىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ كىچىكىدە ئالىقاپ، ئويۇنپەز بالا بولۇپ، نېمە يېڭى نەرسە ئۇچرىسا تۇتۇپ سىلاپ باقىدىكەن. قىشتا قاغا ئاتىدىغانلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇ قاغىنىڭ ئىسمى نېمە، بۇ قاغىنىڭ ئىسمىچۇ دەپ سورايدىكەن. كەپسىز بولغان بىلەن كىتاب دېسە جېنىنى بېرىدىكەنتۇق ، ئۆيىدە ئوقۇيدىغان كىتاب قالمىغاندا خەقنىڭ ئۆيىدىكى كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن كىتاب ئىگىسىنىڭ ھويلىسىدا بىر كۈن ياغۇنچاق تارتىدىكەنتۇق. ئۇ يەنە باشلانغۇچتا "شىنخۇا لۇغىتى"نى پۈتۈنلەي يادلاپ بولغان. مەھەللىسىدىكى كىتابلانىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ بولغان. 5 - سىنىپنى پۈتتۈرگەندە مەدەنىيەت زور ئىنىقىلابى باشلىنىپ كېتىپ، 11يېشىدىن 17 يېشىغىچە دېھقان بوپتىكەن، پادا بېقىپتىكەن. ئەسكەر بولغىچە ئارىلىقتا شەندۇڭنىڭ گاۋمىي ناھىيە بازىرىدا مەدىكارچىلىق قىلىپتىكەن. دېمەك،كىچىك تۇرۇپلا ئېتىزلىق، خامانلىق، لاي كارىزدىن چىقالمىغان، يىللاپ-يىللاپ قارنى تۈزۈك تويۇپ باقمىغان، كىتابتىن، خىيالدىن ئۈمىد ئىزدىگەن، ئەسكەرلىك ئارقىلىق چىقىش يولى تاپقان بىر ئىشلەمچىنىڭ ئەدەبىياتنى شوتا قىلىپ ئۆزىنى جاھانغا تونۇتالىشى، ئەدەبىي تەخەللۇسى(سۈكۈت، مۆرىمەس)نىڭ ئەكسىچە، يۈرەك ساداسىنى، روھىي تىۋىشلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلىتالىشى ئاسان ئەمەس.
شەك-شۈبھىسىزكى، مويەن تالانتلىق، تىرىشچان يازغۇچى؛ زىيادە تەسىرچانلىقى، خىيالچانلىقى، كەمسىنىشلىرى، ئاچلىقتىن، زوراۋانلىقتىن، كەمسىتىلىتشتىن قورقۇشلىرى ماھىيەتتە ئۇنىڭدا بىر خىل خاراكتېر، ئۆزگىچە تالانت شەكىللەندۈرگەن. تالانتنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن روھىيەتتىن بىر چىقىش يولى، سىرتتىن بىر ئىمكانىيەت، خۇشاللىق ۋە خاپىلىقىنى ئىچىدە ساقلىسا ئۆلۈپ بېرىدىغاندەك بىر خىل تەقەززالىق كېرەك، بۇنى ھېچكىمگە ئېيتقىلى بولمايدۇ، ئەمما ھېكايە، روماندا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئويۇنقېپىلىقى، سەتلىكىدىن ئۆزىنى كەمسىتىشى، غايىۋى مۇھەببىتىنى باشقىسىنىڭ خوتۇن قىلىپ كېتىشىدىن ئازابلىنىشى، ئەمما ئىچىدىن قايىل بولماسلىقى، دەرتمەنلىكتە جاندىن تويسىمۇ كىتابتىن ئايرىلالمىغانلىقى، مەھەللىسىگە باغلانغان رىشتى، ئەتراپىدىكى غەيرى، نورمال ئادەملەردىن تۇغۇلغان مۇرەككەپ ھېسسىياتى، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىچىدىكى بۇرۇقتۇرمىلىقتىن ئازاد بولۇش ئىشەنچى... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى يېزىقچىلىق ئۈستىلىگە بەنت قىلغان ماھىيەتلىك سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. ئىمكانىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەسكەر بولۇپ، كۇتۇبخانىدا ئىشلەپ، ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، ماگېستىرلىقنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى گەپلەردۇر.
نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتىدىكلەر مويەنگە « خەلق ھېكايىلىرىنى سېھرىي رىئالىزمغا، تارىخنى زامانىۋى تۇرمۇشقا بىرلەشتۈرەلىگەنلىكى» ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى بېرىپتۇ. ئويلىدىمكى، ئۇ ئۆزىدىكى كەمسىنىش، چەتكە قېقىلىش، ئاچ قېلىشتىن قورقۇش ھېسسىياتىنى ئەدەبىياتتىن ئالىدىغان ئۈمىد، خۇشاللىق، گۈزەللىك بىلەن ياخشى بىرلەشتۈرگەنلىكى، روھىدىكى غەليان بىلەن كۆڭلىدىكى ئىزتىراپنى، تارىخىي زۇلمەت بىلەن زامانىۋى كۈلپەتلەرنى كۈتۈلمىگەن ۋەقەلىك، قارا يومۇر بىلەن ئىپادىلىيەلىگەنلىكى، بايان، تەسۋىر، تىل ماھارەتلىرىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى ئالدى. سېھرىي رىئالىزم ئېھتىمال ئۇنىڭ مەھەللىسىدىن، ئۆتمۈشىدىن، قاپقارا ياكى كۈلرەڭ ئەسلىمىلىرىدىن كەلگەن. رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمىگەن مويەن ئەسەردىكى مۇھىت ۋە كەيپىياتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رىئاللىقتىكى ئادەملەرگە تەسىر كۆرسىتىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك.
پېقىر مويەننىڭ خاراكتېرى، ئۇسلۇبىغا 1997-يىلدىن باشلاپ قىزىققان، بۇ قىزىقىش "تولغان ئەمچەك، سېمىز ساغرا" دېگەن روماننىڭ ماۋزۇسىدىن باشلانغان. ئەدەبىيات-سەنئەت شۇنداق سەزگۈر نەرسىكى، ناخشىچىنىڭ "ھا" قىلىپ باشلىغان ناخشىسىدىنلا ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكۈزەلەيدىغان، يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىلى بولغاندەك، بەزىدە بىر ئەسەرنىڭ ماۋزسى، بېشىدىكى بىر جۈملە گەپتىنلا ئاپتورنىڭ تالانتى ۋە دىتىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ بلوگىدىكى ماقالىلىرى، چەت ئەلدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىمۇ ناھايىتى سەۋىيىلىك ھەم يومۇرلۇق . ماقالىلىرىدىن تارتىپ، سۆزلىرىگىچە ئۇنىڭ دېھقانلار، ئىشلەمچىلەرگە خاس ساددىلىق ۋە كەمسىنىشلىرىنىڭ سايىدەك ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشتىن ھۇزۇرلىنىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، شۆھرەتكە ئېرىشىپ كەتسە باشقىلارنىڭ رەنجىپ قېلىشىدىغان قورقىدىغان بۇ يازغۇچى ئەمدى قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشىيالامدۇ ياكى 100 ماختاش ئىچىدىن بىر تەنقىدنى ئاڭلاپ قالسا ئازابلىنىپ، ئۆز مىللىتىدىن قاقشاپ يۈرەمدۇ، ئۇققىلى بولمايدۇ.
بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)نىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىلەن، ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، يانبىلوگ يازمىلىرىنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد (ئەرتۈرك)كە تەۋە، توردا تارقىتىش ھوقۇقى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكىسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ! يانبىلوگ يازمىلىرىنى رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتماڭ، ئەگەر بايقالسا، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!!!
ئەگەر يانبىلوگىم ھەققىدە ھەر قانداق تېخنىكىلىق مەسىلە بايقالسا يانبىلوگ ئورگان ئۈندىدار سۇپىسى yanbilog غا ئەگىشىپ مەسىلە مەلۇم قىلسىڭىز بولىدۇ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى